«ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، مىللەتلەرنىڭ بىرەرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2991   يوللانغان ۋاقتى: 2015-04-17 14:12:36

  «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، مىللەتلەرنىڭ بىرەرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»
  
  ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ ئوبلاستى گۇڭشەن ناھىيەسىدىكى كادىر ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن خاتىرە
  
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى بىڭ، لى زىياڭ
  


  
  ــــ بىز ناتونۇشلاردىن ئەمەس، خەت - ئالاقە قىلىشىپ تۇرۇۋاتىمىز.
   1- ئاينىڭ 20 - كۈنى «باھار شەھىرى» دەپ نامى بار كۇنمىڭدا قۇياش پارلاپ تۇراتتى. يۈننەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى كەچتە مېھمانخانىدا نۇجياڭ ئوبلاستى گۇڭشەن دۇلۇڭزۇ - نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى كادىر ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.
  بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ـــ كۆڭۈلدە ئىزچىل ساقلانغان ھەم ئۇزاقتىن بۇيان تەشنا بولغان كۆرۈشۈش ئىدى.
  دۇلۇڭزۇ مىللىتى مەملىكىتىمىزدىكى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز بولغان 28 مىللەتنىڭ بىرى، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىن سوتىسيالىستىك جەمئىيەتكە  بىۋاسىتە ئۆتكەن ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان گۇڭشەن ناھىيەسىنىڭ دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدا ئولتۇراقلاشقان. بۇ يەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، سىرت بىلەن تۇتىشىدىغان پەقەت بىرلا تاشيولى بار بولۇپ، بىر يىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تاغلار قېلىن قار بىلەن قاپلىنىپ، سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ جاي ئىزچىل تۈردە يۈننەن ئۆلكسى ھەتتا مەملىكەت بويىچە ئەڭ نامرات رايون بولۇپ كەلمەكتە.
  بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، يەنى 2014 - يىلى يېڭى يىلنىڭ ھارپا كۈنى گۇڭشەن ناھىيەسىدىكى كادىر ۋە ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، بۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىش ئەھۋالىنى، كۆپ يىللاردىن بېرى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان گاۋلى - گۇڭشەن دۇلۇڭجياڭ تاشيولى تونېلىنىڭ پات ئارىدا تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىق خەۋىرىنى  دوكلات قىلغان ئىدى. شى جىنپىڭ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇلارغا: «دۇلۇڭزۇ يۇرتداشلارنى تەبرىكلەيمەن! دۇلۇڭزۇ ئاممىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈش گۈزەل ئارزۇسىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ جاۋاب خەت قايتۇرغان ئىدى.
  جاۋاب خەتنىڭ يېزىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى، گاۋلى - گۇڭشەن تاشيولى تونېلىنىڭ قۇرۇلۇشى قانداق بولدى؟ دۇلۇڭزۇ كادىر ۋە ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق ئىنتايىن ئالدىراش بولغان يۈننەن سەپىرىدە ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، گۇڭشەن ناھىيەسىدىكى كادىر ۋە ئاممىغا، بولۇپمۇ دۇلۇڭزۇ يېزىسىدىكى قېرىنداشلارغا بولغان سېغىنىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلگىرى خەت يازغان بەش نەپەر كادىر ۋە ئامما بىلەن دۇلۇڭزۇ مىللىتىدىن بولغان ئىككى ئايالنى كۇنمىڭغا مەخسۇس ئەكەلدۈرۈپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى.
  شازىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئىككى پارچە رەسىم تامغا ئېسىلغان، ئۇزۇن ئۈستەلگە دۇلۇڭزۇ مىللىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش قوراللىرى قويۇلغان ئىدى... ئازادە يىغىن زالىدىن دۇلۇڭزۇ مىللىتىگە خاس بولغان قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى.
  چۈشتىن كېيىن سائەت6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسى جەنۇبىي بېكىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىنى ئەمدىلا كۆزدىن كەچۈرۈپ بولغان باش شۇجى شى جىنپىڭ چىراغ نۇرىغا چۆمگەن يىغىن زالىغا كىرىپ، مىللىيىچە كىيىنگەن بەش نەپەر خەت يازغۇچى ــــ دۇلۇڭزۇ مىللىتىدىن بولغان «پېشقەدەم ھاكىم» گاۋ دېروڭ، گۇڭشەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى نا ئاتا، ھاكىم ما جېڭشەن، دۇلۇڭجياڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خى گوشيوڭ، يېزا باشلىقى لى يۇڭشياڭ ھەمدە دۇلۇڭزۇ مىللىتىدىن بولغان ئايال لى ۋىنشى، دوڭ سۈنليەنلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى.
  قولدا توقۇلغان كەمزۇل، قونداقلىق ئوقيا، تۈنىكە ئوتىغۇچ... گاۋ دېروڭ خۇشاللىق ئىچىدە باش شۇجى شى جىنپىڭغا دۇلۇڭزۇلارنىڭ مەخسۇس ئېلىپ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قوراللىرىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ بۇلارنى بىرمۇ بىر  كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئارىلاپ - ئارىلاپ بەزى سوئاللارنى سورىدى. «ئاڭلىسام <مۇھىم ۋەقەلەر> ئويۇلغان ياغاچتا بىر پارچە خەت باركەنغۇ» دېگىنىچە، قىزىقىش ئىچىدە خەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدى؛ دۇلۇڭزۇلارنىڭ ئارغامچا بىلەن دەريادىن ئۆتۈۋاتقان ھالىتى ئەكس ئەتكۈزۈلگەن سۈرەت ۋە ئەمەلىي بويۇملارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ھالدا: «ھەقىقەتەن ئوڭاي ئەمەس، جۇمۇ!» دېدى.
  ـــ بۇلارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەتتۇر، − دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ. يىغىن زالىنىڭ بىر تەرىپىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇققا دۇلۇڭجياڭنىڭ قۇرۇتۇلغان بامبۇك نوتىسى، بۆلجۈرگەن، دالا ھەسىلى قاتارلىق ئالاھىدە بۇيۇملىرى قويۇلغان ئىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇلارنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ، ئەھۋال ئىگىلىدى.
   شى جىنپىڭ گاۋ دېروڭنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە، چىۋىقتىن ياسالغان يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كۆپچىلىك بىلەن بىرگە، دۇلۇڭزۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتكۈزۈلگەن قىسقا فىلىمنى كۆردى.
  ئوت - چۆپلەرنى ئۆرتەشتىن كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغىچە، دەريادىن ئارغامچا بىلەن ئۆتۈشتىن تاغ يېرىپ يول ياساشقىچە، پاخال ئۆيدىن كېسەكلىك ئۆيگىچە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنىڭ 900 يۈەندىن  2000 نەچچە يۈز يۈەنگە ئېشىشىغىچە بولغان جەريانلار قىسقا فىلىمدىكى ھەر بىر كۆرۈنۈشتە جانلىق ئەكس ئەتكەن بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللار مابەينىدىكى دۇلۇڭزۇ ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر ئەكس ئەتكۈزۈلگەن ئىدى. ياشاۋاتقان ئورنى چەتتە بولغان، بىر قەدەر بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان دۇلۇڭزۇلۇقلار باشقا قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە قاراپ قەدەم بېسىۋاتاتتى...
  شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن قىسقا فىلىمنى كۆرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن يېنىدىكى گاۋ دېروڭ، نا ئاتا بىلەن پاراڭلاشقاچ: «يېڭىدىن بىر يۈرۈش ئۆي سالساڭلار قانچە پۇل كېتىدۇ؟ بۇرۇن تاغقا چىقىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتەتتى؟» دەپ سورىدى.
  دۇلۇڭزۇ ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقرىش، تۇرمۇشى شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەرەپ - تەرەپكە چاپقان ھەم تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان گاۋ دېروڭ باش شۇجىغا يېڭى جۇڭگو قورۇلۇشتىن بۇرۇن دۇلۇڭجياڭلىقلارنىڭ گاۋلى گۇڭشەن تېغىدىن ئۆتۈپ گۇڭشەن ناھىيەسىگە بېرىپ كېلىشكە يېرىم ئاي ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ، «ئادەم ۋە ئات - ئۇلاغ ماڭىدىغان يوللار» راۋانلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن بىر قېتىم بېرىپ - كېلىشكە ئالتە - يەتتە كۈن كېتىدىغانلىقىنى؛ 1999 - يىلى دۇلۇڭجياڭغا ئاددىي تاشيولنىڭ تۇتاشتۇرۇلغانلىقىنى، تاغنى قاپسىۋالغان قارلار تازىلاپ چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، 7 ـــ 8 سائەت ئىچىدە ناھىيە مەركىزىگە بارغىلى بولغانلىقىنى؛ تونېلدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىنكى ھازىرقى ۋاقىتتا بولسا 3 سائەتتىلا ناھىيە مەركىزىگە بېرىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
  ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بۇ مويسىپىتنى بەكلا ھاياجانلاندۇرغانىدى. ئۇ: «باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىدا تونېل بۇلتۇر 4 - ئايدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. مۇبادا تونېل تۇتاشتۇرۇلمىغان بولسا، بۈگۈن بىز قانداقمۇ بىر يەرگە جەم بولالايتتۇق؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر دەل تاغ قېلىن قار بىلەن قاپلىنىدىغان مەزگىل تۇرسا...» دېدى.
  ئۇ يۇرتداشلارغا ۋاكالىتەن دۇلۇڭزۇلارنىڭ گەرچە چېگرا رايوندا ياشىسىمۇ، مەڭگۈ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى، چېگرا رايون قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
  يۈزىگە گۈل چېكىش ئىلگىرى دۇلۇڭزۇلارنىڭ بىر خىل ئۆرپ - ئادىتى ئىدى. تۇنجى قېتىم دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىن سىرتقا چىققان، ئايروپىلانغا تۇنجى قېتىم ئولتۇرغان لى ۋېنشى، دوڭ سۈنليەنلەر ئەينى يىللىرى يۈزىگە گۈل چەكتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە دۇلۇڭزۇ تىلىدىكى «ھىممەت ناخشىسى» نى ئوقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.
  لى ۋېنشى مۇنداق دېدى: «پارتىيە سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، دۇلۇڭزۇ خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. يېشىم60 تىن ئاشتى، يەنە تېخى بىرىنچى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، باش شۇجىنى كۆردۈم. بۇنىڭدىن كېيىن ئەۋلادلىرىمنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيمەن» دېدى.
  ھەممەيلەن بەس - بەستە سۆز قىلىشتى، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىدى...
  ھەش - پەش دېگۈچە سائەت7 دىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى.
  شى جىنپىڭ ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بارغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىككە: «مەن بۈگۈن بۇ يەردە گۇڭشەن دۇلۇڭزۇ - نۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال. <دۇلۇڭزۇ> دېگەن بۇ ئىسىمنى يولداش جوۋ ئېنلەي قويغان، گەرچە دۇلۇڭزۇلارنىڭ نوپۇسى ئاران6900 دىن كۆپرەك بولسىمۇ، يەنىلا جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر بىر ئەزاسى؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىدە مەغرۇرانە ھەم ئۆزىنىڭ قەدىر - قىممىتى بىلەن ياشاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
  ئۇ ئارقىدىنلا يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «سىلەر چېگرا رايونلاردا، ئېگىز تاغلاردا، شۇنداقلا نامرات رايوندا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىسلەر. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن بۇ يەردىكى تۇرمۇش ئىپتىدائىي ھالەتتە ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، دۇلۇڭزۇلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن سوتسيالىستىك جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، بىرىنچى قېتىملىق ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بېرى، بىز يەنە ھەرقايسى مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە قاراپ قەدەم بېسىشتەك ئىككىنچى قېتىملىق ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. بۇ جەرياندا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى باشتىن - ئاخىر دۇلۇڭزۇ ئاممىسىغا كۆڭۈل بۆلدى، ئۇلارنى قوللىدى ۋە ئۇلارغا يار - يۆلەكتە بولدى.»
  باش شۇجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : «دۇلۇڭزۇ ۋە باشقا بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەردىكى غايەت زور ئۆزگىرىش جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. كۆز ئالدىمىزدىكى ۋەزىپىلەر ناھايىتى مۈشكۈل، بىز چوقۇم تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، مەسىلىلەرنى ئوبدان ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بىرەر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.»
  ـــ سىز ھاكىممۇ؟ سىز يېزا باشلىقىمۇ؟ ـــ شى جىنپىڭ دۇلۇڭزۇ مىللىتىدىن بولغان ھاكىم ما جېڭشەن بىلەن يېزا باشلىقى لى يۇڭشياڭنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى، ـــ ئىقتىسادىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇلۇڭزۇ قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىمۇ كۈچەيدى، ھاكىم، يېزا باشلىقى دەل دۇلۇڭزۇلار ئۆزلىرى تەربىيەلەپ چىققان ئىختىساسلىقلاردۇر. بىز چوقۇم ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلىشىمىز لازىم.
  باش شۇجى گاۋ دېروڭغا قىزغىنلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «سىز دەۋرىمىزنىڭ ئۈلگىسى، يالغۇز دۇلۇڭزۇلارنىڭلا باشلامچىسى ئەمەس، پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈنمۇ بىر بايراق. سىلەرنىڭ يېتەكلىشىڭلار بولسىلا، دۇلۇڭجياڭ يېزىسىنىڭ تەرەققىياتى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.»
  شى جىنىپىڭ بىر ئاز توختىۋالغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مېنىڭ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىشىم سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇشۇڭلارغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىش، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەممە مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە بىرلىكتە ئاتلىنىش لازىملىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر» دېدى.
  دۇلۇڭجياڭ يېزىسىغا بەش قېتىم بارغان يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىخېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ قەلبى دۇلۇڭجياڭغا تۇتاشقان. بىز چوقۇم تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە يۈزلىنىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنچى بارمۇ - يوق؟

  «بار!» كۆپچىلىكنىڭ تەڭلا بەرگەن جاۋابى يىغىن زالىدا ياڭرىدى.
  خوشلىشىش ۋاقتىمۇ كېلىپ قالدى، كۆپچىلىك ئارقا - ئارقىدىن باش شۇجىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى ئورىۋېلىشتى.
  باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇرتداشلار بىلەن قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە خوشلىشىپ، يىغىن زالىدىن چىقتى. يۇرتداشلار ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا باش شۇجىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى...
  ـــ باش شۇجى «بىرمۇ قېرىنداش مىللەت سەپتىن چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ» دەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلىدىكەن، قەلبىم تېخىمۇ زور ئۈمىدكە تولدى، ھەممە مىللەتتىن ئۈمىد بار، − دېدى گاۋ دېروڭ.
  بۇ قېتىملىق ئالاھىدە ئۇچرىشىش ـــ كۆرۈشۈشكە قاتناشقان يۇرتداشلارنى چەكسىز ھاياجانغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.