2015 – يىللىق 1- ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1507   يوللانغان ۋاقتى: 2015-03-20 10:11:38

   ئوقۇرمەنلىرىمىز ۋە دوستلىرىمىز «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2015 – يىللىق سانىدا قانداق مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىغا قىزىقىۋاتقاندۇر، بەلكىم. 


ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بىزدە بولسۇن، خەۋەرلەندۈرەيلى:
  
  بۇ سان ژۇرنالنىڭ مەزمۇنلىرى ئەڭ ئاۋۋال ـــ 
  «بەت بوسۇغىسى» سەھىپىسىگە بېرىلگەن، ئابدۇقادىر جالالىدىن تەييارلىغان «مۇۋەپپەقىيەت جاپا – مۇشەققەت بىلەن قوشكېزەكتۇر» ناملىق 

تەرجىمە ماقالە بىلەن باشلىنىدۇ.
  ئاندىن «56 مىللەت بىر ئائىلە» سەھىپىسىدە ـــ 
  يىزۇ مىللىتىنىڭ، چاۋشيەنزۇ مىللىتىنىڭ، قازاق مىللىتىنىڭ ۋە موڭغۇل مىللىتىنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادەت ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى نامايان 

قىلىنغان بىر يۈرۈش سۈرەت ۋە ئۇچۇرلار بېرىلدى.
  «بىرىنچى كۆزنەك» سەھىپىسىدە ـــ 
  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى «پىكىر»نىڭ مەزمۇنلىرى 

تونۇشتۇرۇلدى.
  «مەركەزدىن كەلگەن سادا» سەھىپىسىدە ـــ 
  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جېڭۋېينىڭ 

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەزكەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئزىچللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېلان قىلغان 

«يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت» ناملىق ماقالىسى بېرىلدى.
  ئۇنىڭدىن كېيىن ـــ 
  «مەن ۋە ‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلى» سەھىپىسىدە «ئەل – ئاۋامنىڭ نەزەرىدە ‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلى ـــ غازى ئەھمەد، مۇھەممەتجان 

راشىدىن، ئوسمان قاۋۇل، ئۆمەرجان سىدىق، زۆھرەگۈل ئابدۇۋاھىتلارنىڭ ‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلى ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، «مىللەت ۋە ئەدەبىيات 

– سەنئەت» سەھىپىسىدە نۇرنىسا ئابلانىڭ «كەڭ ئىكرانلىق رەڭلىك ھېكايە فىلىم ـــ ‹نىساخان› تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ»، «مىللەت ۋە 

تەنتەربىيە» سەھىپىسىدە گۈلمىرە ئەلى پاشانىڭ «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىدىن ـــ چەۋگەن توپ ئويۇنى»، «خاتىرىلەر ۋە ئەسلىمىلەر» 

سەھىپىسىدە ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ مىجىت ناسىرنىڭ «ئەزگۈ تىلەكلەر» ناملىق كىتابى ھەققىدە يازغان «تۆھپىكارلارنى ئەسلەش ۋە ئىلھام بېرىشنىڭ 

نەمۇنىسى»، «سۆھبەت» سەھىپىسىدىكى «ھاكىملار بىلەن سۆھبەت»تە نىيا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئاينۇر ئابدۇللا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت، «كروران 

رەسىم كارىدورى» سەھىپىسىدە ياش رەسسام ئەكبەر تۇرسۇننىڭ رەسىم ئىجەدىيەتلىرى، «مىللەت ۋە ئەنئەنە» سەھىپىىسىدە توختى ياسىننىڭ «‹

مەشرەپ›نىڭ ھۆرمىتى ۋە شۆھرىتى»، «مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر» سەھىپىسىدە جۈرئەت سەيپۇلنىڭ «ئانام رابىيەم مۇھەممەد ئېيتقان ناخشىلار»، «دۇنياغا 

نەزەر» سەھىپىسىدە ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىنىڭ «ئىسرائىلىيە خاتىرىلىرى ـــ ئىسرائىلىيەدە ئېزىپ قېلىش ۋە ئىسرائىلىيەدىكى ئاز سانلىق 

مىللەتلەردىن دېروزلار»، «گۈلۈم» سەھىپىسىدە بۇخەلچەم مەتتوختىنىڭ «گۈزەل نىيەم»، ئايگۈل تالىپنىڭ «مۇئەمما»، مېھرىگۈل ئابلىمىتنىڭ «

مۇھەببەت ئوقى» ۋە «باھار»، ھۆرىيەت مۇھەممەدنىڭ «سەھەرنى ئۇزىتىش»، رەشىدە مۇھەممەد مېھرىگىياھنىڭ «ئۆكۈنۈش» ۋە «شۇندىن بۇيان»، «

مىللەت ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت» سەھىپىسىدە پولات نىيازنىڭ «‹دەۋر مىلودىيەسى ـــ شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى› مۇشائىرە پائالىيىتى ۋە ‹ئۆمەر 

مۇھەممەتئىمىن كروران شېئىر ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› كورلىدا ئۆتكۈزۈلدى»، ئابدۇلئەھەد داۋۇت تۈركىزاتنىڭ «گۇما ناھىيەسىدە ‹شائىر 

مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› ئۆتكۈزۈلدى»، «مىللەت ۋە تەتقىقات» سەھىپىسىدە ئابدۇرېشىت موللا ئەيسانىڭ «

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا ئائىت بىرقىسىم ماقال – تەمسىللەر ھەققىدە ئىككى كەلىمە»، «پايتەختتىكى ئۇيغۇرلار» سەھىپىسىدە ئابدۇرۇسۇل 

ئابدۇرېھىمنىڭ «پايتەختتە ‹بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى مۇنبىرى› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى»، «ئەدىبلەر مۇنبىرى» سەھىپىسىدە زۇلپىيە ھاجى كۆلتېگىننىڭ 

«دادم ھاجى ئەخمەت كولتېگىن: ماڭا مۇھەببەتنى تونۇتقان ئادەم»، «گۈلدەستە» سەھىپىسىدە ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ «چېقىن»، «مەن 

ئۇچراشقان كىشىلەر» سەھىپىسىدە قۇربان مۇھەممەتنىڭ «كۆزگە كۆرۈنگەن تاجىك ئەدىب، سەنئەتكار ـــ ئاتىكەم زەمىرى خانىم» ناملىق ماقالە، 

ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى... 
  بۇ ساندا يەنە ئۆركەش جاپپار، قاھار نىياز، قۇربان مۇھەممەت، مەلىكە مەتتوختى، ئارزۇگۈل ئەيسا، مۇتەللىپ مۇھەممەت، ھۈسەنجان قاسىم، 

ماخمۇتجان مەتتۇردىلارنىڭ نادىر فوتو سۈرەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىسىز.
  بۇ ساندىكى سەرخىل مەزمۇن، نادىر فوتو سۈرەتلەردىن كۆڭۈلدىكىدەك زوق ۋە مەنپەئەت ئالماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ژۇرنىلىمىزنىڭ بەتلىرىنى 

تولۇق ۋاراقلىغايسىز... 
  ئىشىنىمىزكى: «ئائىلىڭىزدە ‹جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى بولسۇن!» دېگەن شوئارىمىز بۇ يىلدىن باشلاپ سىزگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى ۋە 

مەنىسىنى يەتكۈزگۈسى!