دەنجۇ ئاڭبېن 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىن دوكلات ئاڭلىدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 30811   يوللانغان ۋاقتى: 2015-02-03 09:31:48

 دەنجۇ ئاڭبېن  10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋىتەنھەرىكەت يىغىنى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىندوكلات ئاڭلىدى

丹珠昂奔听取第十届全国少数民族传统体育运动会筹备工作进展情况汇报

         10 - ئاينىڭ  29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەنجۇ ئاڭبېن 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئىردوس شەھىرىدىكى تەييارلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ  مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ جىيەنجۇڭ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ شىنلېي يىغىنغا قاتناشتى.
      ئېردوس شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار 10– نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنى ئومۇمىي تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. مۇراسىمنىڭ رىژېسسورلار ئۆمىكى ئېچىلىش - يېپىلىش مۇراسىمىدىكى ئىجادىيەت لايىھەلىرىنى تونۇشتۇردى. يىغىن ئىجرائىيە كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. ئىجرائىيە كومىتېتى بېكىتكەن مۇسابىقە نومۇرلىرى، كۈتۈۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاخبارات - تەشۋىقات ۋە چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسلىق لايىھەلىرىگە پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلدى، ئىجرائىيە كومىتېتىدىن لايىھەنى يەنىمۇ تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ئورۇنغا يوللاشنى تەلەپ قىلدى. يىغىندا 10 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنى 2 – قېتىملىق تەييارلىق خىزمەت يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋاقتى بېكىتىلدى، يىغىندا ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.