جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ 3 – قېتىملىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى «مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى»دا ئېچىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 34667   يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-22 15:20:22
 جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ 3 – قېتىملىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى «مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى»دا ئېچىلدى
第三届全国少数民族美术作品展在民族文化宫开幕
 
  
  12 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ 3 – قېتىملىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» «مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى»دا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياڭبا پىڭسو ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن گەيخۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆز قىلدى. جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زو جۇڭيى، جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ليۇ داۋېي قاتارلىق رەھبەرلەر ھەمـدە مېھمانلاردىن بولۇپ 200 نەپەردىن ئارتۇق كىشى ئېچىلىش مۇراسىـمىغا قاتـناشتى ۋە كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
  بۇ قېتىمقى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 2014 – يىلى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 2 – قېتىملىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدىن كېيىنكى گۈزەل سەنئەت ساھەسىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق تەنتەنىلىك يىغىلىشى ھېسابلىنىدۇ. يىغىن رىياسىتى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان 1500 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە 496 پارچە ئەسەر قاتناشتۇرۇلغان. بۇ ئەسەرلەر تېما دائىرىسى مول، ئۇسلۇبى كۆپ خىل، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن روھىي قىياپىتى ۋە بەختلىك تۇرمۇش ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، ئون يىلدىن بۇيانقى دۆلىتىمىز ئاز سانلىق مىللەتلىرى تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلەر ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ بەردى.
  
  شياڭبا پىڭسو، ۋاڭ جېڭۋېي قاتارلىق رەھبەرلەر كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.
  
  3 – قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈش ــــ ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە قىلغان مۇھىم ئىشلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەر مىللەت گۈزەل سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە چوڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. كۆرگەزمىگە تاللانغان ئەسەرلەر ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە خەنزۇ ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى بار بولۇپلا قالماي، چوڭ قۇرۇقـلۇقـتىكى ئاپـتورلارنىـڭ ئەسەرلىرىمۇ، شياڭگاڭ – ئاۋمېن، تەيۋەن، ھەمدە چەت ئەللەردىكى ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ بار. شۇڭلاشقا، بۇ قېتىمقى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەنتەنىلىك يىغىنى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بەردى.
  ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 3 – قېتىملىق مەملىكەتلىك گۈزەل سەنـئەت ئەسەرلىـرى كـۆرگـەزمىـسىنى ئۆتـكۈزۈش ـــ ئاز سانـلىـق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش، گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرغان بولۇپ، ناشى مىللىتىنىڭ دۇڭبا رەسىملىرى، زاڭزۇ مىللىتىنىڭ تاڭگا رەسىملىرى، مياۋزۇ مىللىتىنىڭ رەسىملىرى ۋە رېگۇڭ بەدىئىي سەنئىتىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سۈپىتىدە ئىنتايىن ياخشى قوغداشقا ئېرىشتى، بولۇپمۇ رېگۇڭ بەدىئىي سەنئىتى «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر سىزىلىش ئۇسلۇبى ۋە ماھارەت جەھەتلەردە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش، مول مەنبەلىك ماتېرىيال توپلاش، ئوخشاشمايدىغان ئامىللارنى ئۆزئارا قوبۇل قىلىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە، روشەن يەرلىك خاسلىققا، قويۇق مىللىي ئۇسلۇبقا ھەمدە كۈچلۈك دەۋر پۇرىقىغا ئىگە بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش خىزمىتى قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى مەلۇم نۇقتىدىن نامايان قىلىپ بەردى.
  بۇ قېتىمقى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر مەملىكىتىمىزدىكى گۈزەل سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرمۇشقا ھەم ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قولىدىكى رەسىم سىزىش قەلەملىرى بىلەن ئۇلۇغ دەۋرنى كۈيلىگەنلىكى، ئۇلۇغ خەلقىمىزگە مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسىدۇر. ئىشىنىمىزكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرى روھىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت گۈزەل سەنئەت خىزمەتچىلىرى «ئىجادىيەتتە خەلقنى مەركەز قىلىش، دەۋرگە مۇناسىپ بولغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت «جۇڭگو ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىدۇ!