2014 – يىللىق 6- ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2293   يوللانغان ۋاقتى: 2014-11-26 15:06:01

     بۇ سان ژۇرنالدا ئەڭ ئاۋۋال دىققىتىڭىزدە بولىدىغىنى ـــ پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 6 – قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا ئائىت مۇھىم سۈرەتلەر ھەم مۇھىم خەۋەرلەردۇر.
     2014 – يىلى 9 – ئاينىڭ 28 –، 29 – كۈنلىرى پايتەختىمىز بېيجىڭدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 6 – قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى. لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ سۆز قىلدى؛ جاڭ دېجياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەزمۇنىغا، ئاساسلىق ۋەزىپىسىگە، يىغىندا تەكىتلەنگەن، كۆرسىتىلگەن، ئوتتۇرىغا قويۇلغان، تەلەپ قىلىنغان خىزمەتلەر ھەم قارالمىلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇشنى ئارزۇلىسىڭىز، بۇ سان ژۇرنالنىڭ «بىرىنچى كۆزنەك. مەركەزدىن كەلگەن سادا» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 6 – قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – تەرەققىيات ئىشلىرى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى» ناملىق ماقالىنى ئەستايىدىل ھەم تولۇق ئوقۇپ چىقىڭ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەردىن ھۇزۇرلىنىڭ.
     ئۇنىڭدىن كېيىن ـــ
     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ 2014 – يىلى 7 – مارت چۈشتىن كېيىن 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ 2 – يىغىنىدا يۈننەن ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ «دوكلات»قا قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدە قىلغان مۇھىم سۆزى دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.
     ئۇنىڭدىن كېيىن ـــ
     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ژۇرنىلىمىز مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىكى «ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈللەنگەن، باياشاد، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز» ناملىق زىيارەت ماقالىسى دىققىتىڭىزدە بولىدۇ.
     بۇ سان ژۇرنالدا يەنە ـــ
     «مىللەتلەر خىزمىتى ئۇچۇرلىرى» سەھىپىسىدە «ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر»، «مىللەت ۋە مەدەنىيەت» سەھىپىسىدە خالىدە ئىسلامنىڭ «مەشرەپ ـــ بىر مەكتەپ»، «مىللەت ۋە جەمئىيەت» سەھىپىسىدە ئابدۇرېھىم ھېكىمى بىلەن مەغپىرەت ئالىمنىڭ «سەنيا ـــ دېڭىز بويىدا ئۇيغۇر بەزمىسى»، «كۈسەن مەدەنىيەت تەتقىقاتى مۇنبىرى» سەھىپىسىدە ئالاھىدە تەكلىپلىك مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىمىز ئەھەد داۋۇتنىڭ «كۈسەن مەدەنىيىتى تارىخىدىكى مەشھۇر ئۈچ نامايەندە»، «مىللەت ۋە ساپا» سەھىپىسىدە تاھىرجان نىيازنىڭ «نەس ئويۇنچۇق قىمارى، ۋەيران قىلار خۇمارى»، «ئىناقلىق مىلودىيەسى» سەھىپىسىدە «ئەپۇچانلىق ـــ ئېسىل خىسلەت»، «بىر كىتاب  ـــ بىر ئالەم» سەھىپىسىدە ئابدۇللا مەتقۇرباننىڭ «‹مۇھەببەتتە مېنىڭمۇ ھەققىم بار› رومانىدىكى بەزى ئالاھىدىلىكلەر ھەققىدە»، «ژۇرنىلىمىز بايقىغان يېڭى يۇلتۇزلار» سەھىپىسىدە شاۋكەت ئىبراھىمنىڭ «ئاسمىنىڭنى بىرگىنە كۈلۈپ» ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرى، «مىللەت ۋە سەنئەت» سەھىپىسىدە ئابدۇلۋاھىد خۇدابەردى مۆلجەرىنىڭ «‹ئۇچتۇرپان مەشرىپى›دىن خاتىرىلەر ۋە كۆرۈنۈشلەر»، «گۈلۈم» سەھىپىسىدە قەلبىنۇر ئىلياسنىڭ «كۆز مونچاق» ناملىق نەسىرى، نۇرىمانگۈل تۆمۈرنىڭ «خۇش دېمەيدۇ مەڭگۈ مۇھەببەت»، بۇسارەم تۇرسۇن (لالە)نىڭ «ئاخىرىقى سۆيۈش»، مېھرىنۇر ئەبەيدۇللا (دىلقىزى)نىڭ «ئون سەككىز يېشىڭ»، رابىيەم نىياز (سەدەپ)نىڭ «ھايات باغرىڭدا سەرسانمەن»، زۇلپىيە ئاندۇراھماننىڭ «يېشىل ھىجران»، مېھرىگۈل ئابلىز نەزەرنىڭ «يالغۇزلۇقنىڭ تاللىشى»، «مىللەت ۋە تەتقىقات» سەھىپىسىدە ئامىنە ئابدۇرېشىتنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى – مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى قوغداش يولىدا ئەجىر سىڭدۈرمەكتە»، «مىللەت ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت» سەھىپىسىدە ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ «كېرىيە ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۆھپىكار ئەدىبلەر ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن خاتىرە»، «كىتابسىز تۇرمۇش ـــ قۇياشسىز تۇرمۇش» سەھىپىسىدە تۇرسۇن بەكرىنىڭ «كىتابقا ئائىت كەچۈرمىشلىرىم»، «گۈلدەستە» سەھىپىسىدە غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «غەزەل يازسام»، ئادىل تۇنىيازنىڭ «كروران گۈزىلى»، مۇھەممەتجان توختى ئىجادىينىڭ «سەھرا قىزى»، مۇختەر داۋۇت ئۆزيولنىڭ «خوتەنگە كىرىش»، روزى سوپى ئۇچتېكىننىڭ «شېئىر بولۇپ يېزىلماقتىمەن»، تۇرغۇن ئابلانىڭ «سېغىنىش مەكتۇپى»، تۇرسۇنجان مۇھەممەت دېھقانىنىڭ «كۈلەر مەڭگۈ بىزەە كېلەچەك»، ئۈمىدجان قادىرىنىڭ «كۈيۈڭ دىلغا شېرىن كەۋسەر»، يۈسۈپجان مۇھەممەد تۇغياننىڭ «مەڭگۈلۈك باھار»، ئابدۇناسىر ئابدۇرېھىم سەئىدىنىڭ «باھاردىكى سېغىنىش»، نۇردۇن تىلۋالدى دىلكەشنىڭ «بىر كۈنى»، «يۇلغۇن چېچىكى» سەھىپىسىدە ئابدۇشۈكۈر قاۋۇلنىڭ «كۆپكە ماھىر تۆھپىكار ـــ نەسرۇللا ئابلەت»، نەسرۇللا ئابلەتنىڭ «دوستلۇق كۈيى»، «نەزىرىمدىكى دۇنيا» سەھىپىسىدە قۇربانجان سەمەتنىڭ «رەڭلەر دۇنياسى، ئادىمىيلىك ئالىمى ـــ ھىندىستان»، «ئەدىبلەر سۆھبەت مۇنبىرى» سەھىپىسىدە زۇلپىيە ھاجى كۆلتېكىننىڭ «دادام ھاجى ئەخمەت كۆلتېكىن ـــ ماڭا مۇھەببەتنى تۇنۇتقان ئادەم» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى ھۇزۇرىڭىزدا بولىدۇ.
     بۇ ساندىكى «سۆھبەت» سەھىپىسىنىڭ «ھاكىملار بىلەن سۆھبەت» مەخسۇس سەھىپىسىدە ئۇچتۇرپان ھاكىمى تۇرغۇن ئابلا بىلن سۆھبەتتە بولىسىز.
     «مەن ئۇچراشقان كىشىلەر» سەھىپىسىدە قۇلاق – بۇرۇن – كېكىردەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور، ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى يۇلتۇز قېييۇم بىلەن تۇنىشىسىز.
     بۇ ساندا يەنە قۇربان مۇھەممەتنىڭ، ئەخمەتجان مەتقۇرباننىڭ، ئېلىيجان ئىسمائىلنىڭ، ھۈسەنجان قاسىمنىڭ، ئۆركەش جاپپارنىڭ نادىر سۈرەتلىرى سىزگە مۇنەۋۋەر  فوتو سۈرەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ھۇزۇرىنى بېرىدۇ.
     ژۇرنىلىمىزغىلا خاس بولغان مول ۋە سەرخىل مەزمۇنلاردىن، ئۆزگىچە بەت لايىھەسىدىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدىكى يېڭىلىق، ئۆزگىچىلىك ۋە نەمۇنىلىرىدىن ئۆزىڭىزگە زور مەنىۋى مەنپەئەت ئېلىشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا مەزكۇر سان ژۇرنالنى تولۇق كۆرۈپ چىقىڭ.