«ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﺨﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ﻳﻮللاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺳﻪﻣﯩﮕﻪ:

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 3127   يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-30 09:48:47

«ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﺨﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ﻳﻮللاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺳﻪﻣﯩﮕﻪ:

 

1. ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺋﻪﺳﻪر ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪا،  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺳﻮﻓﯩﺖ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺧﻪت ﺗﯩﺰﯨﺶ دﯦﺘﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن «ﺋﻪﻟﻜﺎﺗﯩﭗ» دﯦﺘﺎﻟﯩﺪا ﺗﯩﺰﯨﭗ ﻳﻮﻟﻠﯩﺴﺎ ﮬﻪﻣﺪە ﮬﯚﺟﺠﻪت ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ۋورد (word) ﻳﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﯩﻨﯩﯔ  2003 ــ 97 ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺳﺎقلاپ ﻳﻮﻟﻠﯩﺴﺎ، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻧﻪﺷﺮدﯨﻜﻰ ۋورد ﻳﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﯩﺪا ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪۇ. ۋۇردﺗﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎللاردا ﺗﯩﺰﯨﻠﻐﺎن ۋە ﮬﯚﺟﺠﻪت ﺷﻪﻛﻠﻰ ۋورد 2003 ــ 97 ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﻮرﻣﺎل ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻛﯚرۈپ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى.
2. ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪا، ﮬﯚﺟﺠﻪت ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ»دا ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻛﻮﻧﺎ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪا ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﮬﯚﺟﺠﻪت ﻧﺎﻣﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮردﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜرۈﻟﯜﺷﻰ ﻧﻮرﻣﺎل ﺑﻮﻟﻤﺎي، ﺋﺎﺳﺎنلا ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻛﯚرۈپ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻗﻮلاﻳﺴﯩﺰلىقلار ﻛﻪﻟﺘﯜرۈۋاﺗﯩﺪۇ.
3. ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﻳﻮللاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ  - ﺋﻪﺳﻪرﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪا ﻳﺎزﻏﺎﻧﺪا، ﺑﻪزى ﺳﻪزﮔﯜر، ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻠﯘق ﺳﯚزﻟﻪردﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ (ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻧﺎﻣﻠﯩﺮى، ﻳﻪر - ﺟﺎي ﻧﺎﻣﻠﯩﺮى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ) ﻛﯧﺮەك. ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎزﺳﺎ ﺋﯧﻠﺨﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻮرﻣﺎل ﻳﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇۋﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎس ﻗﯩﻠﺪى. ﺑﯘ، دەل ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘقتىلارﻏﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن.
4. ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ  - ﺋﻪﺳﻪر ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺋﺎدرﯦﺴﻰ، ﺋﺎلاﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻧﻮﻣﯘرى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯘﭼﯘرلارﻧﻰ ﻳﺎزﻣﺎي ﻳﻮللاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﮬﯟاللار ﻛﯚرۈﻟﯜۋاﺗﯩﺪۇ. ﺋﯘﭼﯘرلار ﺗﻮﻟﯘق ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر  ﺑﺎش ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﻧﯩﯔ ﻛﯚرۈپ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﮕﻪ ﻳﻮللاﻧﻤﺎﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪا ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘرلارﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻮراﻳﻤﯩﺰ.
5. ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﯩﻤﯩﺰدا ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺋﺎدەم ﺗﻮردﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﺗﻮردﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜرۈپ، ﺑﺎش ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﻧﯩﯔ ﻛﯚرۈپ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻮللاﻳﺪۇ. ﺑﺎش ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮ ﻛﯚرۈپ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻨﯩﭗ، «ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ﺋﺎﻣﺒﯩﺮى»دا ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ ۋە ﺗﯜرﻛﯜﻣﻠﻪر ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ «ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت» ﺗﻮرﯨﺪا ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇۋﯦﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ (
www.seltenet.com)دﯨﻦ ﻛﯚرۈۋاﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﺋﻪسلا ﮬﺎﺟﻪت ﺋﻪﻣﻪس.


ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ
ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﻰ