«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى ئېچىلدى!

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 5535   يوللانغان ۋاقتى: 2014-05-21 15:59:32

«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسى ئېچىلدى!

         ژۇرنىلىمىزنىڭ ھەر قايسى يىللاردىكى سەرخىل ماقالە – ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنى، نۆۋەتتىكى يېڭى سانلىرىنىڭ مەزمۇنلىرىدىن ۋە ژۇرنىلىمىزغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئۇچۇر ھەم پائالىيەتلەردىن خەۋەردار بولۇشنى كۆڭلىڭىزگە پۈكسىڭىز ـــ يانفۇنىڭىزغا ژۇرنىلىمىزنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشۇۋېلىڭ!

 

قوشۇش ئۇسۇلى مۇنداق:

         ئاۋۋال ئۈندىدارىڭىزنى قوزغۇتۇپ، «بايقاش ـــ 发现» دېگەن خەتنى باسىسىز. ئاندىن «دوستلار چەمبىرىكى ـــ 朋友圈»نىڭ ئاستىدىكى «سىيپاپ ئوقۇتۇش ــــ 扫一扫» دېگەن خەتنى بېسىپ، يانفۇنىڭىزنى تۆۋەندىكى رەسىم بەلگىسىنىڭ ئۈستىگە ئۇدۇللاپ سىيپاپ ئوقۇتسىڭىز، «关注» (نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ) دېگەن خەت چىقىدۇ. شۇ خەتنى باسسىڭىزلا قوشۇۋالايسىز.

  

         ئىككىنچى، ئۈندىدارنىڭ ئالاقىلىشىش قوللانمىسى (通讯录) دېگەن يەردىن مۇشتەرى بولۇش (订阅号) دېگەن خەتنى باسىمىز، ئاندىن ئېچىلغان كۆزنەكتىكى قوشۇش بەلگىسىنى ( + ) بېسىپ، millatlar  دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ، ئىزدەش دېگەن خەتنى بېسىپ  ئۈندىدارىمىزغا قوشۇلۇڭ.

        ئۈچىنچى، ئۈندىدار سۇپىمىز يوللىغان ئۇچۇرلاردىكىmillatlar  دېگەن خەتنى بېسىپ، ئۈندىدارىمىزغا قوشۇلۇڭ.

  

        تۆتىنچى، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىنى «ئۈندىدار نومۇرى» ئارقىلىق قوشۇشنىڭ سۈرەتلىك كۆرسەتمە ئۇسۇلى