ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪر ﺳﯚﮬﺒﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﻧﯚۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﯜﭘﻪت - ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1288   يوللانغان ۋاقتى: 2014-04-17 16:17:51

ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪر ﺳﯚﮬﺒﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﻧﯚۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﯜﭘﻪت - ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪى


    2014 – يىل 1 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﻰ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪر، ﻛﻪﺳﯩﭙﺪاشلار ۋە ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن ﺳﯚﮬﺒﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻮللاﺷﺘﯘرۇش، ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺳﻪرخللاﺷﺘﯘرۇش، ﺑﻪت - ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﻪرﻧﻰ رەﯕﺪارلاﺷﺘﯘرۇش، ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ۋە ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪش، ﺑﺎﺳﻤﺎ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎخشىلاش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﭘﯩﻜﯩﺮ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪى.
   ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﺑﺎش ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪدﺳﺎﻟﯩﮫ ﻣﻪﺗﺮوزى ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﻪﮬﻠﯩﮕﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘر، ﻗﺎزاق ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘردى؛ ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ژۇرﻧﺎﻟﺪا 2013 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎر ئىسلاﮬﺎت ۋە يېڭىلىقلار، ژۇرﻧﺎﻟﺪا ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﻪر ۋە ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘن داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰاﮬﺎت ﺑﻪردى. ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮاﻛﭽﯩﻠﯩﺮى ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 2013 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎشلاپ 84 ﺑﯧﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي رەﯕﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﺎن ژۇرﻧﺎﻟﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻛﯚزدﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜرۈپ ۋە ﺋﻮﻗﯘپ، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮات، ﺑﺎﮬﺎ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﻰ.
   ﺳﯚﮬﺒﻪت ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت - ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ رەﺋﯩﺴﻰ، ﻳﺎزﻏﯘچىلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ رەﺋﯩﺴﻰ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﺎزاد رەﮬﻤﯩﺘﯘللا ﺳﯘﻟﺘﺎن؛ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﻮﻧﯧﺮى، ﺋﻪدﯨﺐ ﺋﻪﺧﻤﻪت ﺋﯩﻤﯩﻦ؛ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺋﺎﺧﺒﺎرات - ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎت ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﻮﻧﯧﺮى، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﺎﺑﻠﻪت ﻧﯘردۇن؛ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﭘﯧﺪاﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮوﻓﯧﺴﺴﻮرى، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ، ﺋﻪدﯨﺐ ﺋﺎﺑﺪۇﻗﺎدﯨﺮ ﺟﺎلاﻟﯩﺪﯨﻦ؛ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﭘﻪن- ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎش ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﺎدﯨﻞ ﺗﯘران؛ «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎغ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎش ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى، ﺋﻪدﯨﺐ ﭘﻮلات ﮬﯧﯟﯨﺰۇللا؛ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﭘﻪﻧﻠﯩﺮى دوﻛﺘﻮرى، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﻣﻪﺗﺘﯘرﺳﯘن ﺋﯧﻠﻰ؛ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﭘﻪﻧﻠﯩﺮى دوﻛﺘﻮرى، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ، ﺋﻪدﯨﺐ ﺋﺎﺑﺪۇﻟﺌﻪﮬﻪد ﺋﺎﺑﺪۇرەﺷﯩﺪ ﺑﻪرﻗﯩﻲ؛ «ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘدﯨﺮى، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪدﺟﺎن ﻳﯘﻧﯘس، ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﻠﯘق ﺋﻮرﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎزارﯨﺘﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ﺑﺎﺷﻘﺎرﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎدﯨﺮى، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﻓﻮﺗﻮﮔﺮاف ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪت ﻗﺎﺗﺎرلىقلار، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﻟﻪر ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. 
   ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮاﻛﭽﯩﻠﯩﺮى ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﯚۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ، ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻪزى ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪرﻧﻰ ﺑﻪردى. ﺑﯘلار: ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺑﺮازﯨﻨﻰ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﭼﯩﯔ ﺳﺎقلاش؛ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ۋە ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﮔﻪۋدﯨﻠﻪﻧﺪۈرۈش؛ ﺑﻪت - ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﻣﯘﻧﺒﻪر ﺳﺎلاﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﺶ؛ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﻪرخىللاﺷﺘﯘرۇپ، ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺑﯩﻠﯩﻤﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ  ۋە ﺋﯘﭼﯘرﭼﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘرۇش؛ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ۋە ﺳﺎقلاش ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺶ؛ ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎر ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎتلاش؛ ﺋﺎۋاﻣﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪش ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟى، ﻧﻪزەرﯨﻴﻪۋى ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﮔﯩﻤﯘ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﻮرۇن ﺑﯧﺮﯨﺶ؛ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ۋە ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎت - ﭘﺎت ﺋﺎڭلاپ ﺗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ؛ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرۇش ۋە ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎتلاملارﻏﺎ ﭘﺎت - ﭘﺎت ﭼﯜﺷﯜپ، ﺋﺎۋاﻣﻨﯩﯔ ژۇرﻧﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮ - ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﮬﻪم ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎڭلاپ ﺗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪرەﭘﻠﻪرﮔﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪۇ.
  يىغىندىن كۆرۈنۈشلەر:

 

 

 

 

 

 ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪۇللا ﺧﻪۋﯨﺮى، ﮬﻪﺳﻪﻧﺠﺎن ﺋﺎﺑﺪۇﻟﺌﻪﮬﻪد ﻓﻮﺗﻮﺳﻰ