مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ رەھبەرلىرى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىمىزغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈردى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1337   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-21 09:13:08

مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ رەھبەرلىرى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىمىزغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈردى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى

 

      مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، باش مۇھەررىر گوجېڭيىڭ (يۇغۇر مىللىتىدىن) 3 - ئاينىڭ  17- كۈنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىدىكى خادىملار ۋە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق تەھرىر بۆلۈملىرىدىكى مۇھەررىر، مۇخبىرلار بىلەن ژۇرنال خىزمەتلىرى ھەققىدە كەڭ كۇشادە سۆھبەتلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈردى ھەمدە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى.
    

  مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، باش مۇھەررىر گو جېڭيىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەدسالىھ مەتروزى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساغات بازارقان (ئوڭدىن سولغا).
  
    
  گو جېڭيىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ قىسقىچە خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە ھەرقايسى بۆلۈم، ئىشخانىلاردىكى مۇھەررىر، مۇخبىر ۋە مەمۇرىي خادىملار بىلەن ئايرىم - ئايرىم پاراڭلىشىپ، شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىدا يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۇقىرى باھا بەردى؛ شۆبە ئىدارىدىكى ھەر مىللەت خادىملارنىڭ ئىدىيە، خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگىلىدى؛ ئۇيغۇرچە، قازاقچە ژۇرناللارنىڭ ماقالە – ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى، باسما سۈپىتى، ئاپتورلار قوشۇنى، ژۇرنالنىڭ مۇشتەرى قوبۇل قىلىش – تارقىتىش ۋە تەشۋىقات خىزمىتى قاتارلىق كۆپ خىل تەرەپلەردە مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى بەردى؛ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى؛ شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق ھەم پايدىلىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 
  

  مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىدىكى بىر قىسم يولداشلار يولداش گو جېڭيىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.