«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «جەلپكار شىنجاڭ ـــ رەڭگارەڭ دۇنيا» مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتىغا فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ!

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1452   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-21 08:41:24

  


  تەھرىراتىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ سەرخىل ماقالە – ئەسەرلەر مەنبەسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان بىر قاتار تەدبىرلىرىگە يېقىندىن ياندىشىش؛ ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇقاۋا ۋە ئىچ بەتلىرىنىڭ تولۇق رەڭلىك چىقىشىدىن ئىبارەت باسما ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش؛ سەرخىل ماقالە – ئەسەرلەر بىلەن نادىر فوتو سۈرەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەھكەم جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ژۇرنال مۇقاۋىسىنىڭ خاسلىقى، ئۆزگىچىلىكى ۋە جەلپكارلىقى بىلەن ئىچ بەتلىرىنىڭ كۆركەملىكى، يېقىشلىقلىقى ۋە ئەركىن – ئازادىلىكىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش؛ نادىر فوتو سۈرەتلەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزگىچە ئىستېتىك تۇيغۇ بەخش ئېتىش؛ مىللىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنىڭ فوتو سۈرەتلەر ئارقىلىق نامايان قىلىنىشىغا ھەمدە مەڭگۈلۈك خاتىرىلەردىن بولۇپ ساقلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش ئۈچۈن، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «جەلپكار شىنجاڭ ـــ رەڭگارەڭ دۇنيا» مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتى تارقىتىشنى قارار قىلدى.
  
  مۇكاپاتقا قاتناشقۇچىلارنىڭ دائىرىسى: بۇ قېتىمقى مۇكاپات پائالىيىتىگە ئېلىمىزدىن، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن، ھەر مىللەتتىن بولغان كەسپىي ھەم ئىشتىن سىرتقى فوتوگرافلارنىڭ ھەممىسى قاتناشسا بولىۋېرىدۇ.
  
  مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ دائىرىسى: ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى (ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلار ۋە بالىلار)نىڭ بەدىئي سۈرەتلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ تۈرلۈك مەنزىرە سۈرەتلىرى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە ئىتنوگرافىيەسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان سۈرەتلەر ھەم مىللىي ئالاھىدىلىك - خاسلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن ھەرخىل ئاخبارات سۈرەتلىرى بىلەن چەكلىنىدۇ.
  
  تەلەپ: مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ژۇرنىلىمىزنىڭ بەت ئەھۋالىغا ئاساسەن چوڭايتىپ، ژۇرنىلىمىزنىڭ cm21.5 × cm 27.7 لىق ياكى cm 43 × cm 27.6 لىق بەت ئۆلچىمىگە ئورۇنلاشتۇرغاندا ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كەتمەيدىغان بولۇشى، يەنى ئېنىقلىق دەرىجىسى300dpi دىن ، سۈرەتنىڭ ئۇزۇن تەرىپى 3000 پىكسېلدىن، ھۆججەت سىغىمى 5 مېگابايىتتىن يۇقىرى بولۇشى، ھەر بىر سۈرەتكە نام قويۇلۇشى، باشقا مەتبۇئاتلار ياكى تاراتقۇلار ئۇيۇشتۇرغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرۇلمىغان، كومپيوتېردا ئىش قوشمىغان، ئىمكان بار يېڭىدىن تارتىلغان بولۇشى، ھەربىر فوتو سۈرەت ئەسىرى بىردەك ئېلېكتىرون نۇسخىلىق ھالەتتە توردىن ئەۋەتىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ (سۈرەت قەغىزىگە چىقىرىپ پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن سۈرەتلەر مۇسابىقە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ).
  
  باشقا ئالاقىدار ئىشلار:
  
  بىرىنچى، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ئاپتورلىرى ژۇرنىلىمىز تەھرىراتىنىڭ «فوتوگرافلار ئارخىپى»نى تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئادرېسى، ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى ۋە ئىسىم – فامىلىسىنى ھەمدە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەڭلىك سۈرىتىدىن بىر پارچىنى (بىر قېتىملا ئەۋەتسە بولىدۇ) فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى بىلەن بىللە ئەۋەتىشى كېرەك.
  ئىككىنچى، مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2014 – يىللىق 1 - سانىدىن 2016 – يىللىق  6 - سانىغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ژۇرنالنىڭ ھەر قايسى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ئىچىدىن تاللىنىدۇ.
  ئۈچىنچى، مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان بارلىق فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ژۇرنىلىمىزنىڭ مەخسۇس فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىلا قوبۇللاشتىكى QQ نومۇرى: 2865431531 غا ئەۋەتىلىشى كېرەك.
   تۆتىنچى، مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى تەھرىراتىمىزدىن ۋە جەمئىيەتتىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس باھالاش ھەيئىتى باھالاپ چىقىدۇ. باھالاشنىڭ ئاشكارا، ئادىل بولۇشى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. 2017 – يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچىدە مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، نەتىجىسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.
  بەشىنچى، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى «مۇنەۋۋەر مۇقاۋا فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتى»، «مۇنەۋۋەر بەدىئىي سۈرەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتى» ۋە «مۇنەۋۋەر ئاخبارات سۈرەتلىرى مۇكاپاتى» قاتارلىق ئۈچ تۈر بويىچە دەرىجىلەرگە ئايرىلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپاتلىنىدىغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ سانىغا چەك قويۇلمايدۇ. مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورلىرىغا نەق پۇل، شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىلىدۇ. ئۈرۈمچىنىڭ سىرتىدىن كەلگەن، 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فوتوگرافلارنىڭ يول كىراسى ھەم ئۈرۈمچىدىكى ياتاق خىراجىتىنى شۆبە ئىدارىمىز ئۈستىگە ئالىدۇ.
  ئالتىنچى، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنى باھالاشتا «مىللىي مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش، مىللىي خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش، فوتو ئاپارات كۆزىدىن شىنجاڭغا ھەم دۇنياغا نەزەر سېلىش، ژۇرنىلىمىز ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى تاللاپ مۇكاپاتلاش»تىن ئىبارەت باش پىرىنسىپ باھالاش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ.
  
  جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى فوتوگرافلارنىڭ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتى پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ نادىر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئەل – جامائەتكە تەقدىم قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!


  
  مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى
  ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى