2014 – يىللىق 2- ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 3166   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-21 08:39:04

     باش باھاردىكى قۇياش ئانا زېمىنغا ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرىنى تەقدىم قىلىۋاتقان كۈنلەردە، ژۇرنىلىمىزنىڭ 2 – سانىنى نەشردىن چىقىرىپ، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق. مۇقاۋىغا مېھنەتكەش، قەدىردان دېھقان ئاتىلىرىمىزنىڭ ئوبرازى ئەكس ئەتكۈزۈلگەن «سالام، قەدىردان دېھقان ئاتىلار!» ناملىق سۈرەتنى بەردۇق. بىز بۇ سۈرەت ئارقىلىق يېڭى كۆكلەم پەسلىدە دېھقانچىلىقنىڭ يېڭى بىر ئالدىراش مەۋسۇمىنى باشلاۋاتقان بارلىق قەدىردان دېھقان ئاتىلارغا ۋە ئانىلارغا چىن سالام يوللايمىز!
     ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ھۇزۇرىدا بولىدىغىنى ــــ
     پىروفېسسور، تەتقىقاتچى، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ژۇرنىلىمىزنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن تەييارلىغان «ۋاقىتنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى» ناملىق ماقالىسى بولىدۇ.
     ئوقۇرمەنلەر مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدىكى ماقالىلارغا دىققىتىنى ئاغدۇرسا ــــ
     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلاپ ھەم ئۇلارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە كېڭەشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، ئاندىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئۆگىنىش ھەققىدىكى «بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئەھۋالىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك» ناملىق ماقالىنى ۋە «ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر» ناملىق ماقالىنى ئەستايىدىل ھەم تولۇق ئوقۇپ چىقسا بولىدۇ.
     ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا دىن خىزمىتى ھەققىدىكى ماقالىلاردىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ـــ
     شەنشى پېداگوكىكا ئۇنىۋېرىستېتى غەربىي شىمال مىللەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ پىروفېسسورى ما چياڭنىڭ «شەھەر مەسچىتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى.
     ژۇرنىلىمىز بۇ ساندا يەنە مۇنۇ ماقالە، ئەسەر، سۈرەت ۋە رەسىملەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى:
     يارمۇھەممەد قۇرباننىڭ «نورۇز بايرىمى ھەققىدە»، ئەكبەر قادىرنىڭ «ئۇستاز رەسسام غازى ئەھمەدكە بېيجىڭدىن سالام»، ژۇرنىلىمىز تەھرىر بۆلۈمى تەييارلىغان، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو مەركىزى ئۈرۈمچى بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى تۇنۇشتۇرۇلغان «قەلبلەردىن قەلبلەرگە تۇتاشقان مېھىر»، قەھرىمان توختىنىڭ «كىروران رەسىم كارىدورى»غا بېرىلگەن رەسىملىرى، ئادىلە ئېلداننىڭ «تاتارلارنىڭ قۇتلۇق بايرىمى ــــ سابان تويى»، قاھار ئوسماننىڭ تەييارلىشىدىكى «ئىستۇدېنتلارغا مەسلىھەت»، ژۇرنىلىمىزنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كوزىر سەھىپىسى ـــ «سۆھبەت» سەھىپىسىگە مۇھەممەدسالىھ مەتروزىنىڭ تەييارلىشىدا كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ھۆرىيەت ھوشۇر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ھاكىملار بىلەن سۆھبەت»، رەيھانگۈل سەپەرنىڭ «ئەسلىمەدىن ئەسلمىگىچە»، «گۈلۈم» سەھىپىسىدىكى گۈزەلنۇر ئەمەت كۆركلەئىنەنىڭ «ئوسما قويۇش»، ھەلىمە تۇردىنىڭ «باغرىڭدىن تۈكۈلدى ئوتلۇق تەبەسسۇم»، ئاماگۈل نىيازنىڭ «ئايال ــــ پەرىشتە»، «گۈلدەستە» سەھىپىسىدە ئىدرىس باراتنىڭ «ئانا يۇرت روھى»، مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ «‹ئالتۇن توي› ئىلھاملىرىدىن»، ئابدۇرېشىت بارات ئويغانىڭ «ئۆتمۈشكە قەدەم»، ئەزىز ئىمىر يانغىنىىڭ «خىرە سېمالار»، تەلئەت قادىرىنىڭ «سېلىشتۇرمىدىن تۇغۇلغان ئويلار»، ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ «ئېتنوگرافىيە فوتوگرافىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى»، مۇھەممەتتۇردى مىرزەخمەتنىڭ «ئىران خاتىرىلىرى: دۇنيا كىتاب يەرمەنكىسدە»، ماھىرە مۇھەممەدنىڭ «خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ سالاملىشىش شەكىللىرى»، مۇتەللىپ كېرىم بىلەن تۇرغۇن ياسىننىڭ «نېفىتلىكتىكى قۇربان ئابدۇكېرىم»، ھۈسەنجان قاسىمنىڭ «ئانار»، ئېلىجان ئىسمائىلنىڭ «قايناق بازار»، ئۇنىڭدىن باشقا ژۇرنىلىمىز تەھرىراتىنىڭ «گۈلۈم مۇكاپاتى» ۋە «جەلپكار شىنجاڭ ــــ رەڭگارەڭ دۇنيا» مۇنەۋۋەر ماقالە – ئەسەر ھەم مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتى ئۇيۇشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇچۇر.
     ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇرمەنلەر بۇ سان ژۇرنالدا يەنە ژۇرنىلىمىز تەھرىراتى ژۇرنىلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي سۈپەت – ساپاسى بويىچە پىكىر – تەكلىپ ئاڭلاشنى مەخسەت قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان، ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان، ئەخمەت ئىمىن، ئابلەت نۇردۇن، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئادىل تۇران، پولات ھېۋزۇللا، مەتتۇرسۇن ئەلى، ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي، مۇھەممەدجان يۇنۇس، ئابلىكىم ئەمەت  قاتارلىق ھەر ساھە ئەربابلىرى قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولىدۇ.
     ئوقۇرمەنلەر ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «مەن ئۇچراشقان كىشىلەر» سەھىپىسىدىكى مەنزىلدە پىشقەدەم ژۇرنالست، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىب، لوپنۇرشۇناس مويدىن سايىت بوستانى بىلەن ئۇچرىشىدۇ...
     بۇ ساندا يەنە نۇرغۇن سەرخىل سۈرەتلەر، ئەھمىيەتلىك قىسقا ئۇچۇر، بىلىم ۋە ساۋاتلار ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزگىچە ئىستېتىك زوق بەخت ئاتا قىلىدۇ...
     ئوقۇرمەنلەر «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەن گەپ بويىچە ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىنى قولىغا ئېلىپ ۋاراقلىسا، ژۇرنىلىمىز مەزمۇنلىرىنىڭ بارغانسېرى سەرخىللىشىشقا ۋە موللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقنى، سۈپىتىنىڭ بارغانسېرى ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلالىشى مۇمكىن.
     بۇ سان ژۇرنالدا ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىدىغان كۆڭۈل سۆزىمىز: «باھارنىڭ ھىدى ژۇرنىلىمىزدىن باشلىنىدۇ!»...