ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر قىسقا خەۋەرلەر (7)

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 4044   يوللانغان ۋاقتى: 2014-03-06 09:58:09

  ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ داﺋﯩﺮ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺧﻪۋەرﻟﻪر(7)


  
  1. ﺋﻪﻧﺨﯘي ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا «ﺋﻪﻧﺨﯘي ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻳﯧﺰا - ﻛﻪﻧﺘﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪاش ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪۇرۇش ﺗﯜرﯨﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈۋﯦﻠﯩﺶ ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﭼﺎرﯨﺴﻰ»ﻧﻰ ﺗﯜزۈپ ﭼﯩﻘﺘﻰ.
  2. ﭼﯩﯖﺨﻪي ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا 1302 ﻧﻪﭘﻪر ﻛﺎدﯨﺮﻧﻰ زاﯕﺰۇلار راﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺰا - ﺑﺎزارلارﻏﺎ ﻳﺎردەم ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ، ﺋﯘلار 217 ﻳﯧﺰا - ﺑﺎزاردا ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
  3. ﮔﯘﻳﺠﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ دەﻧﺠﻪي ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﻰ ﺷﯩﯖﺮﯦﻦ ﺑﺎزﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻮل ﮬﯜﻧﻪرۋەﻧﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪۇرۇﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎردەم ﺑﻪردى. 
  4. ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘل ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ 28 ﺋﺎﻳﺎل ۋەﻛﯩﻞ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 11 - ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘرۇﻟﺘﯩﻴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ، ﺑﯘ ﻗﯘرۇﻟﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪت ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﺮى %50 ﻛﻪ يېقىنلاﺷﺘﻰ.
  5. ﻟﻴﺎۋﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺧﻮﺷﯘن) ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ روﮬﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰچىللاﺷﺘﯘردى ۋە ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜردى.
  6. ﭼﯘﯕﭽﯩﯔ ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر - دﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻜﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪن، 2013 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﺪا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭼﯘﯕﭽﯩﯔ ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﯚرﮔﻪزﻣﯩﺴﻰ» ﺋﯚﺗﻜﯜزدى.
  7. ﻳﯜﻧﻨﻪن ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻟﯘﺷﻴﻪﻧﻨﻰ ﻳﺎردەم ﺑﯧﺮﯨﺶ - ﻳﯚﻟﻪش ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈپ ﺋﯩﺰچىللاﺷﺘﯘردى.
  8. ﺳﯩﭽﯜەن ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯘاﯕﺌﻪن ﺷﻪﮬﯩﺮى ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺗﺎرﻗﺎق ﺋﻮﻟﺘﯘراقلاﺷﻘﺎن راﻳﻮن ﺑﻮﻟﯘپ، راﻳﻮن ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە ﺧﯘﻳﺰۇ، زاﯕﺰۇ، ﻣﻴﺎۋزۇ، ﻳﯩﺰۇ، ﺟﯘاﯕﺰۇ، ﺑﯘﻳﯩﺰۇ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ 43 ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺑﺎر. ﺑﯘ ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 9455 ﺑﻮﻟﯘپ، ﺷﻪﮬﻪر ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪۇ. ﮔﯘاﯕﺌﻪن ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر - دﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ ﺋﺎز ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪل ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﻳﺎردەم ﺑﯧﺮﯨﺶ ۋە ﻳﯚﻟﻪش ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﻣﻰ ﻗﯘرۇﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى.
   9. دۆﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﺰﯨﺖ - ژۇرﻧﺎل ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ 2013 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﺪا ﻓﯘﺟﯘدا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﺪى.