شۆبە ئىدارىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى بويىچە «2013 - يىللىق كەسپىي خىزمەتلەردىكى ئىلغار كوللېكتىپ» بولۇپ مۇكاپاتلاندى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1263   يوللانغان ۋاقتى: 2014-02-24 15:50:46

  شۆبە ئىدارىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى بويىچە «2013 - يىللىق كەسپىي خىزمەتلەردىكى ئىلغار كوللېكتىپ» بولۇپ مۇكاپاتلاندى
  


  
  مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى  2013 – يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بەجانىدىل ۋە سۈپەتلىك ئورۇنلاپ، باش ئىدارە تەرىپىدىن  «ئىلغار كوللېكتىپ» بولۇپ باھالىنىپ، بۇ يىل 1- ئايدا مۇكاپاتلاندى.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق نازارەت دەرىجىلىك ئورۇن بولۇپ، ئاساسلىق خىزمەت فونكىسىيەسى ـــ 6 خىل تىل - يېزىقتىكى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى نەشر قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىتىپ، ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، مىللەتلەرگە ئائىت تۈرلۈك مەزمۇندىكى قانۇن، نىزام، بەلگىلىمىلىرىنى تەشۋىق قىلىش؛ ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتكۈزۈش؛ ئىسلاھات - تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىش؛ مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئۆرپ – ئادىتى، مەدەنىيىتى ۋە ئېسىل مىللىي ئەنئەنىلىرىنى نۇرلاندۇرۇش؛ ھەر مىللەت خەلقىنى ئىجابىي جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا مۇناسىپ ھەسسە قوشۇشتىن ئىبارەت.
  مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىدا «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى خەنزۇ تەھرىر بۆلۈمى، ئىنگلىز تىلى تەھرىر بۆلۈمى، موڭغۇل تەھرىر بۆلۈمى، چاۋشيەن تەھرىر بۆلۈمى، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى، قازاق تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق 6 تەھرىر بۆلۈمى (ناھىيە - باشقارما دەرىجىلىك) ۋە كادىرلار باشقارمىسى، مالىيە باشقارمىسى، ئىدارە ئىشخانىسى، ژۇرنال تارقىتىش بۆلۈمى، شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار.  مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى پارتكومى 2013 - يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىگەندە، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى ۋە قازاق تەھرىر بۆلۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭ شۆبە ئىدىرىمىز  ئىدارە بويىچە ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندى.
  شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ نەتىجىلىرى تۆۋەندىكى بىرنەچچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:
  1) 2013 – يىلى بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، شۆبە ئىدارىنىڭ كەسپىي، مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئۈنۈملۈك يۈرۈشلەشتۈردى. رەھبەرلىك كوللىكتىپى ئىناق، دېموكراتىك، ئۇيۇشقاق بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى دادىل قانات يايدۇردى. ژۇرنال خىزمىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى.
  2) ئىجتىمائىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلاملار بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرچە، قازاقچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرناللارنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى ۋە قاپلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.
  3) ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئىككى خىل تىل - يېزىقتىكى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى پۈتۈنلەي رەڭلىك باسمىدا سۈپەتلىك بېسىشنى ئىشقا ئاشۇردى ۋە ژۇرنالدا دەۋرگە ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى  ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان يەنە بىر تۈركۈم يېڭى سەھىپىلەرنى تەسىس قىلدى، بەت شەكىللىرىنى كۆركەملەشتۈردى.
  4) ئۇيغۇرچە ژۇرنال ئىلگىرىكى «مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ»، «ساپا ھەققىدە سۆھبەت»، «ھاياتلىق ھېكمەتلىرى»، «مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر»، «ھەزىل سوئالغا ھەزىل جاۋاب»، «فېليەتون بۇلۇڭى» قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق سەھىپىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، يېڭىدىن تەسىس قىلغان «مىللەتلەر خىزمىتى ئۇچۇرلىرى»، «گۈلۈم»، «سالام، دېھقانلار!»، «دوستلۇق ئالبۇمى»، «مەن ئۇچراشقان كىشىلەر»، «ژۇرنىلىمىز بايقىغان يېڭى يۇلتۇزلار»، «يۇلغۇن چېچىكى» قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى سەھىپىلەر ژۇرنالنىڭ جەلىپكارلىقىنى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا، كەسىپداشلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، ئاپتورلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
  5) شۆبە ئىدارىمىز باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇرچە ژۇرنالنىڭ «سەلتەنەت» تور بېتىنى يېڭىلاپ، ئىجتىمائىي تەسىرىنى ياخشىلىدى. تورنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى كېڭەيتتى.
  6) ئۇيغۇرچە ژۇرنالدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان «سۆھبەت» ناملىق مەخسۇس سەھىپە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان «مەملىكەت بويىچە 2013 - يىللىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى ئاخبارات - تەشۋىقات مۇنەۋۋەر ماقالە - ئەسەرلىرى ۋە مەخسۇس بەت، سەھىپىلەرنى باھالاش پائالىيىتى»دە «مۇنەۋۋەر سەھىپە» بولۇپ تاللىنىپ مۇكاپاتلاندى.
  قىسقىسى، شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى كەسپىي خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كۆرسەتملىرىگە لايىق ئىشلەپ، ژۇرنالنىڭ ئوقۇشچانلىقى، بىلىمچانلىقى، ئۇچۇرچانلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ماقالە - ئەسەرلەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى، تەتقىقات قىممىتى ۋە ساقلاش قىممىتى بولۇش جەھەتتە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.