2014 – يىللىق 1- ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2621   يوللانغان ۋاقتى: 2014-02-18 12:15:47

     بۇ ساندا  ــــ  ئەڭ ئاۋۋال دىققىتىڭىزدە بولىدىغىنى: ژۇرنىلىمىزنىڭ مەزكۇر سانىدىن باشلاپ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان، ئابدۇقادىر جالالىدىن سىز ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىغان، «سۈزۈك قەترىلەر» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «ھاياتلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى قانداق بولىدۇ» ناملىق تەرجىمە ماقالىسى بۇ سان ژۇرنالنىڭ باش بېتىدىن ئورۇن ئالدى. ئوقۇپ باقسىڭىز، ھاياتىڭىزغا ۋە تۇرمۇشىڭىزغا پايدىلىق بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس... «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 2013 – يىللىق 10 چوڭ خەۋەر»دىن سىز مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ھەققىدىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنارلىق 10 چوڭ خەۋەردىن خەۋەردار بولىسىز؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىينىڭ «ئالىي دەرىجىلىك زىيالىيلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە»؛ مېھرىبان نىياز چوغلۇقنىڭ «ھايات ــــ ھۇزۇرلىنىشتۇر»؛ كېرەم قاسىم ئەۋجىنىڭ «ئۈجمە ۋە ئۇيغۇرلاردا ئۈجمە مەدەنىيىتى»؛ شىرىن قۇرباننىڭ «تاجىك ئاياللىرىنىڭ باش كىيىمى ـــ كۇلتا ۋە ئۇنىڭدىكى مەدەنىيەت – سەنئەت ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا»؛ ياسىن مۇخپۇلنىڭ «‹تار كوچا› توغرىسىدىكى پاراڭلار»؛ ۋەلى كېرىم كۆكئالىپنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىىشغا دائىر زۆرۈر مەسىلىلەر»؛ ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغنىڭ «كىشىلىك ئالاقىدىكى تۆت خىل كۆۋرۈك»؛ خالىدە ئاتىكنىڭ «توي – تۆكۈنلىرىمىزدىكى ‹ھامىلىدارلىق› ۋە ھەشەمەتچىلىك»؛ بەختىيار مۇھەممەد ئىمىن ئابدۇرېھىم ئوغلىنىڭ «ئاڭلا، سىرداش قىزىم...» قاتارلىق بىر – بىرىدىن سەرخىل ماقالىلار سىزگە ئوخشىمىغان نوقتىدىن مەنپەئەت بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھاجىرە قاسىمنىڭ «دىكابىردىكى گۈلخان» چوڭ سەرلەۋھە ئاستىدىكى ««سۆيگەن ئىدىم مەن سېنى شۇنداق»، «ئايال بولماق بەختتۇر، بەخت»، «سېنى  ئۇنتۇش تەس بولدى ماڭا»؛ ھۆرىيەت مۇھەممەدنىڭ «كامىلجاننڭ قارا سومكىسى» ۋە «خېمىرغا رەسىم سىزىش»؛ ئىمنجان كېرىم ئاقشەھىرىنىڭ «ئۇيغۇر كەتمىنى»، مۇختار بۇغرانىڭ «كۆكلەم سەپىرى»، ئەلىجان ئوبۇل خەنجەرنىڭ «ھۆرمىتىڭ بار ئانامغا ئوخشاش»، ئەيساجان تۇردى ئاچچىقنىڭ «جەنۇب قىزى»، «قىزلىق دېگەن بىر بۈيۈك ۋەتەن» ۋە «ئادەملەر» قاتارلىق شېئىرلىرى سىزگە بەلگىلىك بەدىئىي ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ. 
     بۇ سان ژۇرنالدا يەنە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەتلەر سىزنىڭ كۆرۈش سىزىمىڭىز ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچە دۇردانىلىرىنى قايتىدىن ھېس قىلىشىڭىزغا ئەڭ يېقىندىن ياردەم بېرەلەيدۇ...
     بۇ سان ژۇرنالدىن تېخىمۇ ئەتراپلىق خەۋەردار بولاي ھەمدە زور مەنىۋىي ئۇزۇق ئالاي دېسىڭىز، ئۇنداقتا ژۇرنالنى قولىڭىزغا ئېلىپ ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىڭ...
     ئېسىڭىزدە بولسۇن: ژۇرنىلىمىز بۇنىڭدىن كېيىنكى سانلىرىدا بېرىلىدىغان  تېخىمۇ سەرخىل ماقالە – ئەسەرلەر ئارقىلىق سىزنىڭ مەنىۋىي ئۇسسۇلۇقىڭىزنى قاندۇرىدۇ...