ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ «سۆھبەت» ناملىق مەخسۇس سەھىپىسى مەملىكەت بويىچە 2013 - يىللىق «مىللەتلەر خىزمىتى تېمىسىدىكى 30 مۇنەۋۋەر سەھىپە»نىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلاندى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1316   يوللانغان ۋاقتى: 2014-01-23 17:49:54

  ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ «سۆھبەت» ناملىق مەخسۇس سەھىپىسى مەملىكەت بويىچە 2013 - يىللىق «مىللەتلەر خىزمىتى تېمىسىدىكى 30 مۇنەۋۋەر سەھىپە»نىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلاندى
  

 


   ژۇرنىلىمىز تەھرىراتى 2013 - يىلى تەسىس قىلغان «سۆھبەت» ناملىق مەخسۇس سەھىپە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان «مەملىكەت بويىچە 2013 - يىللىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى ئاخبارات - تەشۋىقات مۇنەۋۋەر ماقالە - ئەسەرلىرى ۋە مەخسۇس بەت، سەھىپىلەرنى باھالاش پائالىيىتى»دە «مۇنەۋۋەر سەھىپە» بولۇپ تاللىنىپ مۇكاپاتلاندى. تەھرىراتىمىز بۇ يىل 1 - ئايدا دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن بېرىلگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپات پۇلىنى تاپشۇرۇۋالدى.
  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئالاھىتەن تەشكىللىگەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مەملىكەت بويىچە 18 ئاخبارات ئورنىدىن 30 سەھىپە (پىروگرامما)، 20 ئورۇندىن 31 پارچە ئاخبارات ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، مۇكاپاتلانغان ئورۇنلار ۋە شەخسلەر  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «خەلق گېزىتى»، «نۇر گېزىتى»، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، «شياڭگاڭ ۋېنخۇي گېزىتى»، «جۇڭگو تورى»، «بېيجىڭ گېزىتى»، «شىنخۇا تورى»، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو مىللەت - دىن ئىشلىرى تورى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تورى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى، «جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى»، «مىللەتلەر سۈرەتلىك ژۇرنىلى» قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى بۇلتۇر يىل بېشىدا بىر قاتار ئۈنۈملۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، ژۇرنالنىڭ ئىلگىرىكى «مىللىتىم ھەققىدە پاراڭ»، «ساپا ھەققىدە سۆھبەت»، «ھاياتلىق ھېكمەتلىرى»، «مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر»، «ھەزىل سوئالغا ھەزىل جاۋاب»، «فېليەتون بۇلۇڭى» قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق سەھىپىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، دەۋرگە ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى  ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان يەنە بىر تۈركۈم يېڭى سەھىپىلەرنى تەسىس قىلدى. شۇ ئارقىلىق ژۇرنالنىڭ ئوقۇشچانلىقى، بىلمچانلىقى، ئۇچۇرچانلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ماقالە - ئەسەرلەرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى، تەتقىقات قىممىتى، ساقلاش قىممىتى بولۇش جەھەتتە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. جايلارنىڭ ئىسلاھات  ۋە تەرەققىيات جەريانىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان، تەھرىراتىمىز مەخسۇس تەشكىللەيدىغان، ناھىيە – شەھەرلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ۋە مىللەت - دىن ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مەخسۇس زىيارەت قىلىنىدىغان «سۆھبەت» سەھىپىسى؛ ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر ئۇچۇرلار ئەكس ئەتكۈزۈلىدىغان «مىللەتلەر خىزمىتى ئۇچۇرلىرى» سەھىپىسى؛ خانىم - قىز ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىدىغان «گۈلۈم» سەھىپىسى؛ دېھقان ئاپتورلارنىڭ، شۇنىڭدەك دېھقانلار تېما قىلىنغان ماقالە - ئەسەرلەر بېرىلىدىغان «سالام، دېھقانلار!» سەھىپىسى؛ ياش ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش جەريانى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەكس ئەتكۈزۈلىدىغان «دوستلۇق ئالبۇمى» سەھىپىسى؛ مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان ئالىم، مۇتەخەسسىس ياكى مەشھۇر كىشىلەر سۈرەتلىك تونۇشتۇرۇلىدىغان «مەن ئۇچراشقان كىشىلەر» سەھىپىسى؛ ياش، يېڭى ئاپتورلارنىڭ ماقالە - ئەسەرلىرى بېرىلىدىغان «ژۇرنىلىمىز بايقىغان يېڭى يۇلتۇزلار» سەھىپىسى؛ پېشقەدەم، تونۇلغان ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى تونۇشتۇرۇلىدىغان «يۇلغۇن چېچىكى» قاتارلىق يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان سەھىپىلەر ژۇرنالنىڭ جەلىپكارلىقىنى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا، كەسىپداشلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، ئاپتورلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
  بۇ قېتىم كاتتا شەرەپكە ئېرىشكەن «سۆھبەت» مەخسۇس سەھىپىسى شىنجاڭدىكى بىرقىسىم ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئىسلاھات - تەرەققىيات ئىشلىرىنى ۋاقتىدا ئەكس ئەتكۈزۈش، جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىش ھەمدە پىلان، تەدبىرلەرنى ئاممىغا يەتكۈزۈش، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلەش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ياردىمى بولۇش  جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتتى.