«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «يۇلتۇز مۇكاپاتى»غا ماقالە – ئەسەر قاتناشتۇرۇڭ

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1724   يوللانغان ۋاقتى: 2014-01-07 13:17:45

  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تۇنجى نۆۋەتلىك «يۇلتۇز مۇكاپاتى»غا ماقالە – ئەسەر قاتناشتۇرۇڭ!

 


  
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى ئوقۇرمەنلەر تېخىمۇ رازى بولغۇدەك ياخشى چىقىرىش، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ياش ئەدىب ۋە ئىجادىيەتچىلەرنى قىزغىن قوللاش، ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق، فوتوگرافىيە، رەسساملىق ۋە تەرجىمە جەھەتتىكى قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش ھەمدە ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن كەڭرى ئىجادىيەت سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش مەقسىتىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «يۇلتۇز مۇكاپاتى» تارقىتىشنى قارار قىلدى.
  
  «يۇلتۇز مۇكاپاتى»غا ئالاقىدار ئىشلار ۋە تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە:
  
  بىرىنچى، بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپات ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۆتكەن يىلى 6 - سانىدا ۋە «سەلتەنەت تورى»، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنغان «‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ‹ياش ئەدىب، ئىجادىيەتچىلەر مۇنەۋۋەر ماقالە - ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى»نىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ.
  ئىككىنچى، بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا ماقالە - ئەسەر قاتناشتۇرىدىغان ئاپتورلار 1970 – يىلى 1 - ئايدىن كېيىن تۇغۇلغان ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ھەر مىللەت ياش ئەدىب ۋە ئىجادىيەتچىلەر (ياش شائىر - يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار، فوتوگرافلار، رەسساملار، تەرجىمانلار) بىلەن؛ مۇكاپاتلىنىدىغان ماقالە – ئەسەرلەرنىڭ دائىرىسى شېئىر، ھېكايە، نەسر، ئەدەبىي خاتىرە، ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي ئوبزور، سۆھبەت خاتىرىسى، فوتو سۈرەت، ماي بوياق رەسىم، زىيارەت خاتىرىسى، تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى تەرجىمە ماقالە - ئەسەرلىرى، ئاخبارات خەۋىرى، مىللەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مەدەنىيەت – مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت، مىللىي ئۆرپ – ئادەت، تەنتەربىيە، كارخانا باشقۇرۇش، تىجارەت سەنئىتى، ئىگىلىك تىكلەش، مىللىي تېبابەت قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرگە چېتىلىدىغان تۈرلۈك شەكىلدىكى ماقالىلەر ۋە ئەسەرلەر بىلەن چەكلىنىدۇ.
  ئۈچىنچى، مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ماقالە – ئەسەرلەر ئىلگىرى ھەر قانداق مەتبۇئات ياكى توردا ئېلان قىلىنمىغان، ھەجىم جەھەتتىن ئىمكان بار قىسقا، جەلپكار بولۇشى؛ فوتو سۈرەت، ماي بوياق رەسىملەر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئېلىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان، مەزمۇنى ساغلام، بەدىئىيلىكى يۇقىرى، خاسلىقى روشەن ۋە يېڭى بولۇشى؛ تەرجىمە ماقالە - ئەسەرلىرى چوقۇم ئېلىمىزدىكى ئاشكارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان، ھەجىم جەھەتتىن قىسقا، جەلپكار، ئوقۇشچانلىقى يۇقىرى ھەم سەرخىل ماقالە - ئەسەرلەردىن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ (تەرجىمە ماقالە - ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمە نۇسخىسى بىرگە ئەۋەتىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ). 
  تۆتىنچى، مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ماقالە – ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرى ئۆزىنىڭ ئادرېسى، ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى ۋە ئىسىم – فامىلىسىنى ئېنىق يېزىشى ھەمدە ژۇرنالدا ئىشلىتىش ئۈچۈن يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى رەڭلىك سۈرىتىدىن بىر پارچىدىن ئەۋەتىشى كېرەك.
  بەشىنچى، مۇكاپاتلىنىدىغان ماقالە - ئەسەرلەر «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2014 – يىللىق 1 - سانىدىن 2015 – يىللىق  6 - سانىغىچە بولغان ئىككى يىللىق ژۇرنالنىڭ ھەر قايسى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە – ئەسەرلەر ئىچىدىن تاللىنىدۇ.
  ئالتىنچى، مۇكاپاتقا قاتناشتۇرىدىغان بارلىق ماقالە – ئەسەرلەر بىردەك «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئېلخەت ئادرېسى: millatlar1988@sohu.com غا ئەۋەتىلىشى شەرت. باشقا شەكىلدە ئەۋەتىلگەنلىرى ياكى شەخسلەرگە ھاۋالە قىلىنغانلىرى بىردەك رەت قىلىنىدۇ.
   يەتتىنچى، مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلغان ماقالە – ئەسەرلەرنى مەخسۇس تەشكىللەنگەن باھالاش ھەيئىتى تاللايدۇ ھەم باھالايدۇ.
  سەككىزىنچى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماقالە – ئەسەرلەرنىڭ نامى بىلەن ئاپتورلىرىنىڭ ئىسىملىكى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەر بىر پارچە ماقالە - ئەسەرگە بېرىلگەن قىسقىچە باھا سۆزى ۋە باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئىسىملىكى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2016 – يىللىق 3 - سانىدا ئېلان قىلىنىدۇ. مۇكاپاتقا ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسىسىدا، شۆبە ئىدارىمىزنىڭ «سەلتەنەت» تور بېتىدە، «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ۋە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە ئېلان قىلىنىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ۋە باشقا ئالاقىدار ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىگە تەشكىللىنىدۇ.
  توققۇزىنچى، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتتا «‹جۇڭگو مىللەتلىرى› ژۇرنىلىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ ياقتۇرغان سەرخىل ماقالە - ئەسەرلەرنى تاللاپ مۇكاپاتلاش، ماقالە – ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە ھەر ساھە ياشلارنىڭ ئىلغار تەپەككۇرىنى جەمئىيەتكە ژۇرنال يۈزىدە كەڭ دائىرىلىك نامايان قىلىش»تىن ئىبارەت باش پىرىنسىپ باھالاش ئۆلچىمى قىلىنىدۇ. باھالاشنىڭ ئاشكارا، ئادىل بولۇشى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.
  ھەر ساھەدىكى ياشلارنىڭ مۇسابىقىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆز  ماھارىتىنى ئەل – جامائەتكە نامايان قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!


  
  مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى