جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2014 – يىلىدا ـــ

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1197   يوللانغان ۋاقتى: 2013-11-15 11:15:46

«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2014 – يىلىدا ـــ
«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا مۇشتەرى بولۇشنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇڭ!

 

     «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدا چىقىرىلىدىغان، مەملىكىتىمىز بويىچە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك قوش ئايلىق ئۇنىۋېرسال ژۇرنال.
     «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2014 – يىلىدا ــــ
     ژۇرنال باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ؛ جەمئىيەتكە ئاكتىپ مۇلازىمەت قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىدۇ؛ ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ سەمىمىي ۋە بىجاندىل خىزمەت قىلىدۇ؛ ژۇرنالنىڭ خاسلىقىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ؛ ماقالە - ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا، ئۇسلۇبىغا ۋە ھەجمىگە چەك قويۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئائىت ماقالىلارنى ئېلان قىلىش ۋە مىللەتلەرگە ئائىت مول بىلىم ھەم نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ؛ سەرخىل ماقالە – ئەسەرلەرنى ئالدىن تاللاپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرنال بولۇشتەك يۇقىرى نوپۇزىنى ساقلايدۇ؛ مۇكاپاتلىق ماقالە - ئەسەر پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئەڭ سەرخىل ماقالە- ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنىدۇ؛ ژۇرنالنى 2013- يىلىدىن باشلاپ تولۇق رەڭلىك چىقىرىش جەھەتتىكى مول تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تېخىمۇ رەڭدار ۋە جەلپكار قىلىپ چىقىرىلىدۇ؛ ھەر ساھەدىكى ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىغا ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ خىل مەنىۋىي ئېھتىياجىغا ھۆرمەت قىلىدۇ... گەپنىڭ ئۇچىقىنى قىلغاندا: ژۇرنال باشقۇرۇشتا تېخىمۇ ئىنچىكە، ئىلمىي، دادىل ھەم جانلىق بولۇپ، ژۇرنالچىلىق ساھەسىدە ئۆزىنىڭ كۆپ خىل ئەمەلىي كۈچىنى ۋە سالاپىتىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىدۇ!
     دىققىتىڭىزگە سالماقچى بولغىنىمىز:
     ئەتراپىڭىزدىن دۇنياغا، دۇنيادىن ئەتراپىڭىزغا نەزەر سېلىشنى ئويلىسىڭىز...
     مىللەت ھەققىدە ئەركىن تەپەككۇر ۋە پىكىر يۈرگۈزمەكچى بولسىڭىز....
     ھەر ساھە ئاپتورلارنىڭ تۈرلۈك ئۇسلۇبتىكى ئەڭ نادىر ماقالە - ئەسەرلىرىدىن قانغىچە ھۇزۇرلانماقچى بولسىڭىز...
     ئۆزىڭىزنىڭ ساپاسى ۋە مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى نىيەت قىلسىڭىز...
     مىللەتلەرگە ئائىت مول بىلىم ۋە نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇلىسىڭىز...
     ئۆزىڭىزگە ھەم باشقىلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسىڭىز....
     ئۇنداقتا، يىللاردىن بېرى سىزگە قەددىناس ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ سەرخىل ماقالە - ئەسەرلىرى ۋە مول مەزمۇنلىرى بىلەن سىزنى ھەر ۋاقىت سېغىندۇرىدىغان «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2014 – يىللىق سانلىرىغا مۇشتەرى بولۇشنىڭ قىممەتلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇڭ!
     پوچتىدىن مۇشتەرى بولۇش  ۋاكالەت نومۇرى: 117 ـــــ 58
     مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پوچتىخانىلار مۇشتەرى قوبۇل قىلىدۇ.
     يىللىق باھاسى: 48 يۈەن.
     ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 0991 ـــ 8530016، 8533288