2013 – يىللىق 5 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 3193   يوللانغان ۋاقتى: 2013-09-24 13:13:28

 2013 – يىللىق 5- ساندا  ــــ

     ژۇرنىلىمىزنىڭ قەدىرلىك ئاپتورلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى:
     بۇ سان ژۇرنالنى ۋاراقلىسىڭىز ــــ
     بەتلەرنىڭ لايىھىلىنىشىدىن تارتىپ، ماقالە – ئەسەرلەرنىڭ تاللىنىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغىچە، مەزمۇنىنىڭ مول ھەم سەرخىللىقىدىن تارتىپ، مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ ناھايىتى جايىدا جىپسىلىشىشىغىچە بولغان ھەر بىر ئىش ھالقىلىرىغا مۇھەررىرلىرىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە قىزغىنلىق بىلەن ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، ژۇرنالنىڭ ھەر تەرەپتىكى سۈپىتىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرىلاپ، سەرخىل ماقالە – ئەسەرلەر ھەم مول سەھىپىلەر ئارقىلىق، تەھرىراتىمىزنىڭ «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا خاس بولغان ژۇرنال باشقۇرۇشتىكى يېڭى ئىدىيە ھەم يېڭى تەپەككۇر يۆنىلىشى بويىچە ژۇرنالنى كۈندىن – كۈنگە جەلپكار ھەم ياخشى چىقىرىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىماي قالمايسىز.
     سىز بۇ ساندا ئامىنە ئابدۇرېشىت، نۇرئەخمەت ياسىن، ئىمىن  ئەھمىدى، گۈلنۇر شاۋكەت، قەييۇم ئابدۇقادىر، ئەسقەر مۇھەممەد، ئابلىمىت مۇھەممەت يىلتىزلىق، ئەكرەمجان مەترۇسۇل ئۈمىدى، سابىرە ساۋۇت، ئەركىن ئاۋۇت، ئالىيە ئەخمەت، ئابلىز مۇھەممەد سايرامى، روزىمۇھەممەد مۇتەللىپ، پەرھات جىلان، ئەلى غوپۇر، ئوسمان قاۋۇل، ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى، ئىبراھىم نىياز، سەۋىردىن ھېنىپىدىن، گۈزەلنۇر مۇتەللىپ، ئەلىجان ئوبۇل خەنجىرى، ئارزۇگۈل ئابدۇرېھىم، ئاينۇر ئابدۇرېھىم، دىلنۇر ياسىن، نۇرمۇھەممەت ھەسەن، تۇرسۇنجان مۇھەممەت، ماخمۇت مۇھەممەت، تاھىر تالىپ بەكتۇر، ئابدۇللا سۇلايمان، مۇھەممەتجان راشىدىن، ۋاھىتجان ئوسمان، ئىلغارجان سادىق، دولقۇن جاپپار، تەلئەت قادىرى، تۇراپجان مۇھەممەد تەلقىن، غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەد، شاۋكەت ئىبراھىم، مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر، مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى  قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق ئاپتور بىلەن كۆپ خىل تېمىلاردا ئەركىن – ئازادە پىكىرلىشىپ، ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ يېزىق ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىققاندىكى ئەڭ قىممەتلىك جەۋھەرلىرىدىن قانغۇدەك ھوزۇرلىنالايسىز...
     بەلكىم «بۇ ساندا مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدىغان قانداق سەرخىل ماقالە – ئەسەرلەر باردۇر...؟» دەپ ئويلايدىغانسىز ھەم شۇنىڭغا قىززىقىۋاتقانسىز. ئۇنداقتام دىققىتىڭىز: «سۈرەتتىكى ھېكايە ۋە تارىخ»، «ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك سۆزىدىن ئاپتورلارنىڭ قەلب دۇنياسىغا»، «ھاياتنى ھەقىقىي سۆيۈپ، ھۇزۇر ئىچىدە ياشاڭ»، «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر – سەنئىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەققىدە»، «ياشلىق ۋە تۇرمۇش ھەققىدە ھېكمەتلەر»، «چايخانا»، «ئازنا مەسچىت ۋە ئۇنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلمىسى ھەققىدە»، «ئارمىنىم ئىرادەم بېغىدا پورەكلىمەكتە»، «بۆشۈك ۋە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىز»، «يازغۇچىنىڭ ئىزى ئۆچمەيدۇ»، «جىڭپو مىللىتى»، «خىياللىرىمدىن تەرمىلەر»، «تەيۋەن تەسىراتلىرى»، «قاراماي ئەدىبلىرى نېمە دەيدۇ»، «مەن ‹جەزىرە›نى قەيەردە ئۇچراتتىم؟»، «مىرشىروفنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» قاتارلىق  سەرخىل ماقالە – ئەسەرلەر بىلەن «گۈلدەستە» سەھپىسىگە بېرىلگەن «ئوتتۇز ئىككى ھەرپىمىز»، «خەلقىمىز»، «شەكىلسىز شەكىل»، «ئانامغا»، «ئەتىرگۈل»، «ئايلانمىغىن يەڭگىل كۆڭۈلگە»، «بارلىقىمنى بېرەي مەن ساڭا»، «ئون ئۈچۈنچى ئاي كەلمەيدۇ مەڭگۈ»، «توپلەي ئاۋازى»، «كۇچا» قاتارلىق ئېسىل شېئىرلاردا بولسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇچۇرىمىزنىڭ بەكلا ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىغان باشقا ماقالىلار ۋە نادىر فوتو سۈرەتلەر نەزىرىڭىزدە بولغاي...
     سەمىڭىزدە سالىدىغىنىمىز بۇ سان ژۇرنالدىن سىز «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ كۈندىن - كۈنگە تېخىمۇ جەلپكار ھەم ئۆزگىچە چىقىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تولۇق ھېس قىلماي قالمايسىز...
     مۇشتەرىلىرىمىزنىڭ ژۇرنىلىمىزغا بولغان سەمىمىي ۋە چىن ئەقىدىسىگە ھەم ھۆرمىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ سان ژۇرنالنىڭ باسما سۈپىتىنى ۋە باشقا تەرەپتىكى سۈپەتلىرىنىمۇ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردۇق. دېگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتىن كۆرمەكچى، ئېنىق ھېس قىلماقچى بولسىڭىز ھەم كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىنى قولىڭىزغا ئېلىپ ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىڭ...