ژۇرنىلىمىزدا ئىشلىتىشكە تاللانغان ھەم تەھرىرلىنىپ تەييار بولغان ماقالە – ئەسەرلەر ھەققىدە چۈشەندۈرۈش

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1410   يوللانغان ۋاقتى: 2013-09-03 13:25:15

ژۇرنىلىمىزدا ئىشلىتىشكە تاللانغان ھەم تەھرىرلىنىپ تەييار بولغان ماقالە – ئەسەرلەر ھەققىدە چۈشەندۈرۈش

 

     ئاپتورلىرىمىز ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە:
     1. ژۇرنىلىمىزدا ئىشلىتىشكە تاللانغان ھەم تەھرىرلىنىپ بولۇنغان 1 – تۈركۈمدىكى ماقالە – ئەسەرلەر ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر بىر سانىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما قايسى ساندا ئىشلىتىش ھەققىدە ئاپتورلارغا ۋەدە بېرەلمەيمىز. بۇ ماقالە - ئەسەرلەرنى قايسى ۋاقىتتا، قايسى سان ژۇرنالدا ئىشلىتىش ــــ ژۇرنىلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشى، شۇڭا ئاپتورلارنىڭ تېلىفۇن بېرىپ سۈرۈشتۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.
     2. نۆۋەتتە، تەھرىر بۆلۈمىمىزدە ئۆتكەن يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ قوبۇل قىلىنغان، ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سانلىرىدا ئىشلىتىشكە دەسلەپكى قەدەمدە تاللىنىپ بولۇنغان يەنە زور بىر تۈركۈمدىكى ماقالە – ئەسەرلەرنى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئېلان قىلىمىز. بۇ ماقالە – ئەسەرلەرنىڭ تەھرىرلىكى تۈگىگەندىن كېيىن ئاندىن تەھرىرلىنىپ تەييارلانغان ماقالە – ئەسەرلەر شەكلىدە قايتا ئېلان قىلىمىز. بۇ قېتىم تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان تەھرىرلىنىپ تەييار بولغان ماقالە – ئەسەرلەر ھەرگىزمۇ تەھرىر بۆلۈمىمىزنىڭ ماقالە – ئەسەرلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىكى ئىلگىرى - كېيىنلىك رەت تەرتىپىنى ياكى ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىشقا پىلانلانغان رەت تەرتىپىنى ئاساس قىلمىغان. ئاپتورلار بۇنىڭدىن ۋاقىپلىنىپ قالسا بولىدۇ.
     3. ژۇرنىلىمىزغا كەلگەن ماقالە - ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىگە، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ تەلەپ – ئېھتىياجىىغا ۋە ژۇرنىلىمىزنى تېخىمۇ سۈپەتلىك چىقىرىش پىلانىمىزغا ئاساسەن، ژۇرنىلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالە – ئەسەرلەرنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ تۇرىمىز ھەمدە سەرخىللىرىنى ئالدىن ئېلان قىلىش خىزمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويىمىز. شۇڭا، ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالە – ئەسەرلەر  توردا ئالدىن ئېلان قىلىنغان ماقالە – ئەسەرلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
      4. ئاپتورلار ئۆتكەن يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇرۇن تەھرىر بۆلۈمىمىزگە ياكى تەھرىر بۆلۈمىمىزدىكى شەخسلەرنىڭ نامىغا ئەۋەتىپ، ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان ماقالە – ئەسەرلىرىنى تەھرىر بۆلۈمىمىزگە ياكى ژۇرنىلىمىزنىڭ يېڭى ئېلخەت ئادرېسىغا قايتىدىن ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
     5. ھەر ساھە ئاپتورلىرىمىزنىڭ ژۇرنىلىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىرىلىشىغا ئەڭ يېقىندىن ماسلىشىشى، ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ھەمدەمدە بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ سەرخىل ماقالە – ئەسەرلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئەۋەتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.


     ھۆرمەت بىلەن: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتى