2013 – يىللىق 4 - ساندىكى تەۋسىيەلىك ماقالە - ئەسەرلەر

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 3476   يوللانغان ۋاقتى: 2013-09-01 16:22:40

2013 - يىللىق 4 -  سان ژۇرنالدا  ــــــ

  ★ بۇ سان ژۇرنالدا ئوقۇرمەنلەرگە بىرىنچى بولۇپ ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز ــــ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يولداش ۋاڭ جېڭۋېينى زىيارەت قىلىپ يازغان، ژۇرنىلىمىزنىڭ «مەركەزدىن كەلگەن سادا» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «‹جۇڭگو ئارزۇسى› 56 مىللەتنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى. ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى نوپۇزلۇق ئۇچۇر بولغان بۇ زىيارەت خاتىرىسى   ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىدا بولغاي...
  ★ ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «مەڭگۈلۈك ئابىدىلەر» سەھىپىسىگە بېرىلگىنى: ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ «سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تېيىپجان ئېلىيېف ھەققىدە يازغان شېئىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى بولۇپ، بۇ ماقالە ئوقۇرمەنلەرنى سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن تېيىپجان ئېلىيېف ئوتتۇرىسىدىكى چىن دوستلۇققا ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قاراشقا ئۈندەيدۇ. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بولغان «جۈرئىتىگە سالام» ناملىق شېئىرى تېيىپجان ئېلىيېف تەتقىقاتىنى ئەتراپلىق ھەم ئىلمىي ئاساسلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇ ماقالە ۋە بۇ ماقالىگە ئالاھىدە كىرىشتۈرۈلگەن قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەر ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشغا ئېرىشمەي قالمايدۇ...
  ★ «قەشقەردىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» ــــ ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى، پىروفېسسور داۋىد ماكوفىسكىي يازغان ماقالە. ژۇرنىلىمىزنىڭ «مىللەت ۋە تەتقىقات» سەھىپىسىگە بېرىلگەن بۇ ماقالە چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ نەزىرىدىن قەشقەرنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكىگە دىققەت قىلىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ. چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ قەشقەردىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىككە قانداق قارايدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولماقچى بولغان ئوقۇرمەنلەر ژۇرنىلىمىزنىڭ مەزكۇر سانىنى كۆرۈپ چىققاي...
  ★ ژۇرنىلىمىزنىڭ مەزكۇر سانىدىن باشلاپ يېڭىدىن يەنە بىر يېڭى سەھىپە تەسىس قىلدۇق. ئۇ بولسىمۇ ــــ «سالام، دېھقانلار!» سەھىپىسى. ئۇ، مەخسۇس دېھقانلارغا بېغىشلاپ يېزىلغان ئەسەرلەرگە ئاتالغان سەھىپىنىڭ نامى. دېھقان ــــ بىزنىڭ ئاتىمىز! دېھقان ــــ بىزنىڭ ئانىمىز! دېھقان ــــ بىزنىڭ ئاكا، ھەدىلىرىمىز ۋە ئاچا – سىڭىللىرىمىز! بارلىق دېھقانلار ھەممىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەردۇر!
  دېھقانلارغا ئاتاپ قانچىلىك كۆپ نەزم ۋە قەسىدە يازساق، ئەسلا ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ. ۋۇجۇدىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ نازۇك تۇيغۇلار، ئەقىدىمىزدىكى ئەڭ چىن ۋە ئەڭ سەمىمىي ھۆرمەت سالاملىرى دېھقانلار ئۈچۈن بېغىشلانغاندا، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ قەلب رىشتى دېھقانلارغا مەھكەم باغلانغاندا، ئۆزىمىزنىڭ تولىمۇ بەختلىك ئادەملەردىن ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. ئاشۇ بەخت تۇيغۇسى بىزنى بىزنىڭ دېھقان ئاتىلارغا، دېھقان ئانىلارغا، دېھقان ئاكا - ئىنىلەرگە ۋە دېھقان ھەدە - سىڭىللارغا ئاتاپ مەخسۇس بىر سەھىپە ئېچىپ، ئۇنىڭغا «سالام، دېھقانلار!» دەپ نام بېرىشىمىزگە سەۋەب بولدى.
  دېھقان ئاپتورلار ۋە دېھقانلارغا چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەت سالىمى بېرىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بارلىق ئاپتورلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان، دېھقانلار ۋە دېھقانلارنىڭ ئەجرى ئۈچۈن ئاتالغان بۇ يېڭى سەھىپىدىكى ئەسەرلەر دېھقانلىرىمىزغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىمىزنى ۋە سۆيگۈمىزنى بىلدۈرەلىسە، بىز ئۆزىمىزنى چەكسىز خۇشال ھېس قىلىمىز، ئەلۋەتتە... ئىشىنىمىزكى، بۇ سەھىپىدىكى ئەسەرلەر ۋە نادىر فوتو سۈرەتلەر ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ....
  ★ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيەت ھەم ئۆرپ – ئادەت ساھەلىرى ئەكس ئەتكۈزۈلگەن نادىر فوتو سۈرەتلەردىن ھۇزۇرلىنىشنى ئىستىگەن ئوقۇرمەنلەر ژۇرنىلىمىزنىڭ مەزكۇر سانىدىن باشلاپ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان «فوتوگرافلار مۇنبىرى» سەھىپىسىگە دىققىتىنى ئاغدۇرغاي... ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا مەخسۇس ئىككى بەتلىك قىلىپ نادىر فوتو سۈرەتلەردىن ئۆرنەكلەر بەردۇق...
  ★ ئوقۇرمەنلەر ژۇرنىلىمىز بەتلىرىدىن دۇنياغا يەنە نەزەر سالسا، ئۇنداقتا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ھەققىدىكى زىيارەت خاتىرىسى ــــ «ئىستانبۇلدىكى بەخت» بېرىلگەن «دۇنياغا نەزەر» سەھىپىسىگە داۋاملىق دىققىتىنى ئاغدۇرغاي...
  ★ 4 - سان ژۇرنالنىڭ «دوستلۇق ئالبۇمى» سەھىپىسىگە شائىر ئەسقەر ياسىننىڭ «پايتەخت سەھنىسىدىكى ئەركىن ئابدۇللا» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى بېرىلدى. ياشلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتنى تارتىۋاتقان بۇ ياش چولپانغا قىززىقان ئوقۇرمەنلەر مەزكۇر ئەدەبىي خاتىرىگە دىققىتنى بەرگەي....
  ★ بۇ ساندىكى «گۈلۈم» سەھىپىسىدە ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت، زەيتۇنەم مەمتىمىن، ئايزۆھرە ئابدۇمىجىت، مەريەم ھامىدىن، بۇخەلچەم ھۈسەن، ئامانگۈل ئىمىن  رۇسلان، پاتىگۈل توختى، گۈلنىساخان ئىمىن، ئامىنەم ئابدۇۋاھىت قاتارلىق شائىرەلەرنىڭ شېئىرلىرى بار. ئۇيغۇر خانىم – قىز ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى ژۇرنىلىمىز ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قەلبىگە يەنە بىر گۈزەل دۇنيا ۋە تاتلىق تۇيغۇلار بولۇپ ھۆرمەت بىلەن تەقدىم قىلىنغۇسى...
  ★ يازغۇچى ياسىنجان سادىقنىڭ «باھادىرنامە» رومانىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى ــــ «‹باھادىرنامە› رومانىدىن ياسىنجان سادىقنىڭ قەلب دۇنياسىغا نەزەر» ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «ئەدىبلەر مۇنداق دەيدۇ» سەھىپىسىگە بېرىلدى. بۇ سۆھبەت خاتىرىسى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشتىكى مول مەزمۇنلۇق مەنىۋىي داسىتخاندۇر....
  ★ «قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ مەككە شەھىرىدىكى ئۆي – زېمىنى توغرىسىدا» ناملىق ماقالە ژۇرنىلىمىزنىڭ 76 – بېتىدىن باشلىنىدۇ. قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى نېمىشقا مەككە شەھىرىدە ئۆي – زېمىن سېتىۋالغان؟ بۇنىڭ جەريانى قانداق بولغان؟ ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرىچۇ؟... بۇلارغا قىززىقسىڭىز ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىكى «خاتىرىلەر ۋە ئەسلىمىلەر» سەھىپىسىنى ۋاراقلاڭ!...
  ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، «مىللەت ۋە ئەنئەنە» سەھىپىسىگە بېرىلگەن نۇرئىمان ئابدۇرەشىدنىڭ «‹بوياقچىلىق رىسالىسى›دىن مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئەنئەنىمىزگە نەزەر»، «مىللەت ۋە تىل- يېزىق» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «ۋاڭ مېڭنىڭ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىشىدىن تۇغۇلغان ئويلار»، «مىللەتلەر خىزمىتى تەتقىقاتى» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ــــ ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى»، «مىللەت ۋە يېمەك – ئىچمەك» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «قۇمۇلنىڭ يەرلىك تائامى ــــ نەزىر ئاش» «مىللەت ۋە مائارىپ» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىيدام سىزما رەسىم قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە» ۋە «مىللەت ۋە مەتبۇئات» سەھىپىسىگە بېرىلگەن «شىنجاڭ نېفىتلىكىدىكى مەرۋايىت ــــ ‹مايبۇلاق› ژۇرنىلى» قاتارلىقلارمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ ساندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللەتلەر – دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بۇرھان مەمەت «سۆھبەت» سەھىپىسىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ... ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ سانىدىن تېخىمۇ تولۇق خەۋەردار بولۇشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا ژۇرنالنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققايسىز...