«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى «سەلتەنەت» تورىنىڭ يېڭى نۇسخىسى كەڭ تورداشلارغا ئېچىۋېتىلدى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 2010   يوللانغان ۋاقتى: 2013-09-01 14:47:26

    
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ «سەلتەنەت» تورى 2013 - يىلى  1 - سىنتەبىردىن باشلاپ كەڭ تورداشلارغا قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلنىڭ ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ژۇرنال باشقۇرۇش خىزمىتىگە قويغان يۇقىرى تەلىپى ۋە ژۇرنالنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى باشقۇرۇش ھەم ئىسلاھ قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، 2013 – يىلى 3- ئايدىن باشلاپ، «سەلتەنەت» تورىنىڭ ئىلگىرىكى مەزمۇن دائىرىسى ۋە ئومۇمي لايىھەسىگە قارىتا تولۇقلاش ۋە بەزى زۆرۈر يېڭىلاش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانىدى. ژۇرنال تەھرىراتى بۇ قېتىم ھەر تەرەپتىن ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، ژۇرنىلىمىز ئوقۇرمەنلىرىنى ۋە تورداشلارنى «سەلتەنەت» تورىدا ژۇرنالنىڭ ھەر قايسى تارىخىي يىللاردىكى مۇساپىلىرىدىن، بىر قىسىم مەزمۇنلىرىدىن، ژۇرنالغا مۇناسىۋەتلىك باشقا مەزمۇنلاردىن، تەھرىراتنىڭ ژۇرنال خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشلىرىدىن ھەم تەھرىر بۆلۈمدىكى خادىملارنىڭ تەرجىمىھالىدىن باشقا يەنە ئېلىمىزدىكى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە ئائىت تۈرلۈك بىلىم، ئۇچۇرلار، مىللەتلەرگە ۋە مىللەتلەر خىزمىتىگە ئائىت سىياسەتلەر ھەمدە ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا كېرەكلىك بولغان بىر قاتار نوپۇزلۇق مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ، ئۆزگىچە قىياپەت بىلەن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.
  «سەلتەنەت» تورى  ــــ  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قارمىقىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى باشقۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى بولۇپ، 2004 - يىلى 9 - ئايدا تەسىس قىلىنغان. ئۇ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتىتىغا قاراشلىق بولغان ئىدارە، ئورگان ۋە ھەر قايسى مەكتەپلەر ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - يېزىقىدا تەسىس قىلىنغان تۇنجى تور بېكىتى بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بېرى، ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتىسيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەشۋىق قىلىش ھەمدە ژۇرنال خىزمىتىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ «مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش»تىن ئىبارەت باش تېمىسىنى يېتەكچى قىلىشىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، پۈتكۈل جەمىيەت ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆپ قاتلاملىق مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئالاقىدار مەزمۇنلىرىنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى يىلدىن يىلغا  كۆپىيىپ، ئۇيغۇرچە تور بەتلىرى ئىچىدىكى داڭلىق تور بەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. «سەلتەنەت» تور بېتىنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى نۇسخىسىدا «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ نۆۋەتتىكى شۇنداقلا ھەر قايسى يىللاردىكى مۇقاۋا، ئىچ بەت ۋە بىر قىسىم مەزمۇنلىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تور بېتىدىكى نوپۇزلۇق بولغان مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئېلان قىلىنىدۇ. «سەلتەنەت» تورىنىڭ يېڭى نۇسخىسىغا «دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى خەۋەرلىرى»، «ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتى ئۇچۇرلىرى»، «مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر سىياسەتلەر»، «مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر بىلىم ۋە ئۇچۇرلار»، «مىللەتلەر خىزمىتى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»، «مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر ئون چوڭ خەۋەر»، «جۇڭگودىكى مىللەتلەر»، «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيەلىك جايلار»، «دۇنيا مىللەتلىرىگە دائىر ماتېرىياللار» قاتارلىق بىر نەچچە چوڭ سەھىپە يېڭىدىن قوشۇلغان بولۇپ، بەت لايىھەسى ئۆزگىچە، مەزمۇن دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولدى. تور بەتتىكى ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت تەسىس قىلىنغان بىر قىسىم مەزمۇنلار دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تور بېتىدىكى مەزمۇنلاردىن تاللاپ تەرجىمە قىلىنىدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ مەزمۇنلار ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى تور بەتلەر ئىچىدە ھۆكۈمەت خاراكتېرىنى ئالغان بىردىنبىر، نوپۇزلۇق ماتېرىيال مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
  «سەلتەنەت» تورىنىڭ بۇ قېتىم يېڭىلانغان يېڭى نەشرىگە يەنە «نەشرىياتىمىزغا نەزەر»، «ژۇرنىلىمىزغا نەزەر»،  «ئالاھىدىلىكىمىز»، «ژۇرنال ھەققىدە»، «ماقالە - ئەسەرلەر» قاتارلىق يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلدى. بۇ مەزمۇنلار تورداشلارنى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى ھەر قايسى نوقتىلاردىن تولۇق ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ مەزمۇنلار «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي باسقۇچلاردىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى، ژۇرنالنىڭ ھازىرغىچىلىك بولغان ھەر قايسى يىللاردىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن رەھبەرلەرنى، مۇھەررىرلەرنى ۋە باشقا خادىملارنىڭ ئەھۋالىنى، ژۇرنال خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە -  مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدىن باشقا خەنزۇچە، ئېنگلىزچە، موڭغۇلچە، قازاقچە ۋە چاۋشيەنچە بەش خىل يېزىقتىكى نۇسخىلىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى، ئۇلارنىڭ ژۇرنال باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى، ئەسەر تاللاش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  يېڭىدىن ئېچىۋېتىلگەن «سەلتەنەت» تورىدا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ژۇرنال خەۋەرلىرى»، «ژۇرنال ئۇقتۇرۇشلىرى»، «مۇلازىمەتلىرىمىز» قاتارلىق سەھىپىلىرى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ سەھىپىلەردىكى ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىغا دائىر ھەرخىل خەۋەرلەر، ئوقۇرمەن ۋە ئاپتورلارغا قارىتىلغان ئۇقتۇرۇشلار كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە تورداشلارغا خىزمەتلىرىمىزدىن ۋاقتىدا ئۇچۇر يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ ژۇرنالنى پۈتكۈل جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسىگە ماسلاشتۇرۇلغان. يېڭىلانغان «سەلتەنەت» تور بېتىدە ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇش، ئېلان ئەۋەتىش، ماقالە - ئەسەر ئەۋەتىش، ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنىشقا تاللانغان ماقالە – ئەسەرلەردىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىش، ژۇرنىلىمىزنى پۈتكۈل شىنجاڭ تەۋەسىدە پارچە ساتىدىغان كىتابخانلارنىڭ ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار ئېلان قىلىنىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە تورداشلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
  ئىشىنىمىزكى، ژۇرنىلىمىز بىلەن بىر گەۋدە ھېسابلىنىدىغان، ژۇرنىلىمىز ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى قىلغان، ژۇرنىلىمىز بىلەن ژۇرنىلىمىز ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئارىسىدىكى سەمىمىي دوستلۇق ۋە رىشتىنى بىر – بىرىگە چىڭ باغلاش ئارقىلىق، تەھرىراتىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى تېخىمۇ ياخشى چىقىرىش نىشانىغا يانداشقان «سەلتەنەت» تورى ئۇيغۇرچە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى بىلەن بىللە ئۆزنىڭ مول مەزمۇنلىرى ئارقىلىق كەڭ ئوقۇرمنەلرنىڭ ھەم تورداشلارنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئىشەنچلىك، ئەڭ يېقىن سىردىشى ھەم دوستلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغۇسى.


  
  
  مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى «سەلتەنەت» تور بېتىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى
  2013 – يىل 1 – سىنتەبر