ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﻣﻪن ‹ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى› ژۇرﻧﯩﻠﯩﺪا ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ۋە ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎرزۇلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر ﮬﻪﻣﺪە ﻣﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪڭ ﻳﺎﻗﺘﯘرۇپ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯔ!

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 941   يوللانغان ۋاقتى: 2013-09-01 14:23:13

  ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن دوﺳﺘﻠﯘق رﯨﺸﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﭗ، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﺎتلاﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﺋﻪڭ زور دەرﯨﺠﯩﺪە ﻗﺎﻧﺪۇرۇش ﮬﻪﻣﺪە «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻐﺎ ﺧﺎس ﻧﺎدﯨﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ئېلان ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ژۇرﻧﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎدﯨﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪر ﺧﯩﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﻣﻪن ‹ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى› ژۇرﻧﯩﻠﯩﺪا ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ۋە ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎرزۇلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر ﮬﻪﻣﺪە ﻣﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪڭ ﻳﺎﻗﺘﯘرۇپ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرلار» ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎت ﻳﺎﻳﺪۇرۇﺷﻨﻰ ﻗﺎرار ﻗﯩﻠﺪى.
  ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ۋە ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎن ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ، ﺋﺎرزۇﺳﻰ ۋە ﺋﻮي- ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻳﯜزﯨﺪە ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ، ﻳﯜز ﻛﯚرۈﺷﯜﺷﻨﻰ ۋە ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎرزۇلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر − ﺋﺎلىملار، ﺗﯚﮬﭙﯩﻜﺎر ﻣﺎﺋﺎرىپچىلار، ﻧﻪﻣﯘنىچىلار، داﯕﻠﯩﻖ ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ ۋە ﺷﺎﺋﯩﺮلار، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎرلار، ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪت ﻗﺎزاﻧﻐﺎن ﻛﺎرﺧﺎنىچىلار ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪردﯨﻜﻰ ﻛﯚزﮔﻪ ﻛﯚرۈﻧﮕﻪن ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر ﮬﻪم داﯕﺪار ﺋﻪرﺑﺎبلار − ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﻗﺎﻧﺪاق تېمىلار ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ، ﻳﯜز ﻛﯚرۈﺷﯜﺷﻨﻰ ۋە ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎرزۇ ﮬﻪم ﺧﯩﻴﺎل ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪڭ ﻳﺎﻗﺘﯘرۇپ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرلار − ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﻗﻪﻟﻪم ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮى، ﺋﻪدﯨﺐ، ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ۋە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎتىلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺧﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪۋەﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮزﻏﺎۋاﺗﻘﺎن ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪرﮔﻪ ۋە ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﮬﻪﻣﺪە ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯚﯕﯜل ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜزﺳﻪ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﯜچ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪپ، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﻰ ﺋﻪڭ ﺑﻪك ﻣﻪرﻛﻪزﻟﻪﺷﻜﻪن ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر ۋە ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎلاﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘلارﻧﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘس زﯨﻴﺎرﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﻣﺪە ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻳﯜزﯨﺪە ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎرزۇ ۋە ﺋﻮﻳﻠﯩﺮى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ تېمىلاردا ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ، ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﺸﻘﺎ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎرزۇﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎدﯨﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘلار ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘس زﯨﻴﺎرەت ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺟﺎۋاب ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە ﻛﯚﯕﯜل ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ئېلان ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ئېلان ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎرزۇ - ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ژۇرﻧﺎل ﻳﯜزﯨﺪە ﻗﺎﻧﺪۇرۇﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪۇ.
  ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ۋە ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎن ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻳﯜزﯨﺪە ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ، ﻳﯜز ﻛﯚرۈﺷﯜﺷﻨﻰ ۋە ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎرزۇلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪرﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯚﯕﯜل ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻗﻪﻟﺐ ﺋﯩﺰﮬﺎرﯨﻨﻰ، ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪم ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن، ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﺷﻪرﯨﭙﯩﻨﻰ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﻣﻪزﻣﯘن ۋە ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪڭ ﺑﻪك ﻳﺎﻗﺘﯘرۇپ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﯧﻠﺨﻪت ﺋﺎدرﯦﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻮﭼﺘﯩﺪﯨﻦ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎدرﯦﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
  ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘر ۋە ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﺋﺎرزۇ- ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪپ، «‹ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى› ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘرﻣﯩﻨﻰ» ﺷﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﺪە ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ دﯨﻘﻘﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﻛﯚپ ﻣﻪرﻛﻪزﻟﻪﺷﻜﻪن ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ - ﺷﻪرﯨﭙﻰ ژۇرﻧﺎل ﻳﯜزﯨﺪە ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. «‹ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى› ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘرﻣﯩﻨﻰ» ﺷﻪرﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺑﯘﻳﯘﻣﻰ ۋە ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮۋﻏﯩﺴﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯩﺴﻤﻰ - ﺷﻪرﯨﭙﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮى دوﺳﺘﻠﯘق ﺋﺎلاﻗﻪ ﺗﻮرﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﯜپ، ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘزاق ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﯩﻚ دوﺳﺘﻠﯘق ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﻮرﻧﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ، ﻳﻪﻧﻪ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎيلاردا ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘرۇﻟﯩﺪۇ.
  ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﻣﻪن ‹ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى› ژۇرﻧﯩﻠﯩﺪا ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ۋە ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎرزۇلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر ﮬﻪﻣﺪە ﻣﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪڭ ﻳﺎﻗﺘﯘرۇپ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرلار» ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘرلار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ!
  ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎدرﯦﺴﻰ: ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ﺷﻪﮬﯩﺮى ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺨﯘا ﻳﻮﻟﻰ 918 - ﻧﻮﻣﯘر ﺷﯩﻨﮕﯘڭ ﮔﯜﻟﻠﯜﻛﻰ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ 2 - ﻗﻪۋەت
  
   «ﺟﻮﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ