ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ «ﻧﺎۋادا ﻣﻪن ‹ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى› ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎم...» ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ راﻳﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯔ!

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 5056   يوللانغان ۋاقتى: 2013-09-01 14:21:18

  ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘن داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻧﺎدﯨﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎنلارﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﺎتلاﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪۇرۇش ﮬﻪﻣﺪە ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ دوﺳﺘﻠﯘق، ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﻖ ﮬﻪم ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ژۇرﻧﺎل ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﻛﯚﺗﯜرۈش ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ «ﻧﺎۋادا ﻣﻪن ‹ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى› ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎم...» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎنلارﻧﯩﯔ راﻳﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎت ﻳﺎﻳﺪۇرۇﺷﻨﻰ ﻗﺎرار ﻗﯩﻠﺪى.
  ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ۋاﻗﺘﻰ: ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﺎرارﻟﯩﻖ ۋاﻗﺘﻰ 2012 - ﻳﯩﻞ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 2013 - ﻳﯩﻞ 6- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
  ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ: ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ دوستلار − ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﺘﻪرﯨﻠﯩﺮى، ﻛﻮﻧﺎ-ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮى، ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮى؛ يىللاردﯨﻦ ﺑﯧﺮى ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﻳﻮللار ۋە ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮللاۋاﺗﻘﺎن ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ دوﺳﺘﻠﯩﺮى، رەﮬﺒﻪرﻟﻪر؛ ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ زﯨﻴﺎلىيلار، ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ، ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮم ۋە ﺋﻮﺗﺘﯘرا- ﺑﺎشلاﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ - ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى، ﺋﯩﺸﭽﻰ - ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪر، ﺳﻮدا - ﺗﯩﺠﺎرەت ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ۋە دﯨﻨﯩﻲ زاتلار ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
  ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻰ: ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ۋە ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮللاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﻣﯘﺷﺘﻪرﯨﻠﻪر، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ۋە دوستلار ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ «ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎللاﻳﻤﯩﺰ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﯘن!» دﯦﮕﻪن ژۇرﻧﺎل ﺷﯘﺋﺎرﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن، ژۇرﻧﯩﻠﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﻳﻪﻧﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ، ﻣﻪزﻣﯘن داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ، ﻣﯘﻗﺎۋﯨﺴﻰ، ﺋﯩﭻ ﺑﻪﺗﻠﻪر ۋە ﻣﯘﻗﺎۋىلارﻧﯩﯔ لاﻳﯩﮭﻪﻟﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﮔﻪۋدﯨﺴﻰ، ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﺗﻪرەﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯚزﻗﺎراش، ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ۋە ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت- ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ دادﯨﻞ، ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪۇ. ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ﺋﺎﺧﯩﺮلاﺷﻘﺎﻧﺪا، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر راﻳﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺧﯘلاﺳﯩﻠﻪش ﻣﻪﺧﺴﯘس ﮔﯘرۇﭘﭙﯩﺴﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪپ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇۋاﻟﻐﺎن، ﻳﺎزﻣﯩﭽﻪ ﻳﻮللاﻧﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯚزﻗﺎراش، ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ۋە ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت- ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪرﮔﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق رەﺗﻠﻪپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ژۇرﻧﺎل ﻳﯜزﯨﺪە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪم ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ دوكلات ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ.
  ﺗﻪﻟﻪپ ۋە ﺋﯜﻣﯩﺪ: ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ۋە ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮللاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﻣﯘﺷﺘﻪرﯨﻠﻪر، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ۋە دوستلار ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻳﯧﻘﯩﻦ دوﺳﺘﻰ ۋە ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى، دەپ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﯕﯜل ﺑﯚﻟﯜش، ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش ۋە ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺳﺮاﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪر ﺗﻪرەﭘﻠﯩﻤﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﻛﯚﺗﯜرۈش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺳﯚﻳﯜپ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ۋە ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎللاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪر ﺧﯩﻞ ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻳﺪاﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚزﻗﺎراش، ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ۋە ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت - ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺧﻪۋەردار ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
  ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ئىشلار: ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ۋە ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮللاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﻣﯘﺷﺘﻪرﯨﻠﻪر، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ۋە دوستلار ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎن ﮬﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚزﻗﺎراش، ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ۋە ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت- ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯧﻠﺨﻪت ﺋﺎدرﯦﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻮﭼﺘﯩﺪﯨﻦ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎدرﯦﺴﯩﻐﺎ ﺧﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪۋەﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﮕﻪن ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻛﯚزﻗﺎراش، ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ۋە ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪت- ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ- ﺷﻪرﯨﭙﻰ، ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﻮرﻧﻰ ۋە ﺋﺎلاﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻧﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﺪە ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ (ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﯘﺷﺘﻪرى ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﻪۋەر ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯩﺘﺎب ﺑﻮﺗﻜﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻪۋەر ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎشقىلاردﯨﻦ ﺋﺎڭلاپ ﺧﻪۋەر ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎن ژۇرﻧﺎﻟﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺧﻪۋەر ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ)ﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
  ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ راﻳﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪم ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚزﻗﺎراش، ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ- ﭘﯩﻜﯩﺮ ۋە ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪن ﻣﯘﺷﺘﻪرﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋە دوستلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ- ﺷﻪرﯨﭙﻰ ژۇرﻧﺎل ﻳﯜزﯨﺪە ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺋﯘلارﻏﺎ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺑﯘﻳﯘﻣﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ ۋە ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺑﯘﻳﯘﻣﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮى دوﺳﺘﻠﯘق ﺋﺎلاﻗﻪ ﺗﻮرﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﯜپ، ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘزاق ﻣﯘددەﺗﻠﯩﻚ دوﺳﺘﻠﯘق ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﻮرﻧﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘلار ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪر ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳلاردا ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘرۇﻟﯩﺪۇ. ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺧﻪۋەر ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ زۆرۈر دەپ ﻗﺎراﻟﻐﺎن ﺧﻪﺗﻠﻪر ژۇرﻧﺎل ﻳﯜزﯨﺪە ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
  ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﻚ «ﻧﺎۋادا ﻣﻪن ‹ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى› ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎم...» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎنلارﻧﯩﯔ راﻳﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻪم ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚزﻗﺎراش، ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ- ﭘﯩﻜﯩﺮ ۋە ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﻳﯘق ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﻖ، دوﺳﺘﻠﯘق ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﻮرﻧﯩﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ!