مۇنۇ تېمىلاردا ماقالە – ئەسەر ئەۋەتىڭ

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 6082   يوللانغان ۋاقتى: 2013-09-01 14:18:13

    
   ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ تېمىلاردﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪر:
  
  ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪردە، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ دەۋرﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺟﯘلاﺳﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ۋارﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻪم ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪاش، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﮬﻪم ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎرلاق ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﻠﻪر، ﻳﺎشلار ۋە ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺳﺎغلام ﺋﯚﺳﯜپ - ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪە ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ روﻟﻰ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﺑﯩﻠﻪن زاﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ زاﻣﺎن، ﻣﺎﻛﺎن ﮬﻪم ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟى ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻣﺎ، ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎراپ ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﯩﺮى، ﺋﯚرپ - ﺋﺎدەﺗﻠﻪر ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﻣﻪزﻣﯘنلار ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر رازى ﺑﻮﻟﻐﯘدەك دەرﯨﺠﯩﺪە ﻳﻮرۇﺗﯘﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك.
  ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪردە ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻧﮕﻪن ﻛﯚزﻗﺎراشلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﮬﻪم ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﻮﻟﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎغلام ۋە ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﺎتلاﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﯩﺘﻰ زور ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﮬﻪﺟﯩﻢ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎ (ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ژۇرﻧﺎل ﺑﯧﺘﯩﺪە ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا 10 ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ) ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ.


  «ﮬﻪزﯨﻞ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﮬﻪزﯨﻞ ﺟﺎۋاب» ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪزﯨﻞ ﺳﻮﺋﺎل ۋە ﮬﻪزﯨﻞ ﺟﺎۋابلار:
  
  «ﮬﻪزﯨﻞ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﮬﻪزﯨﻞ ﺟﺎۋاب» ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﻰ ﺋﯘزاﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻮزﯨﺮ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ دوستلار ۋە ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘرﻏﯘﺳﻰ.
  ﺑﯘ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪزﯨﻞ ﺳﻮﺋﺎل ۋە ﮬﻪزﯨﻞ ﺟﺎۋابلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ، ﻗﯩﺰﯨﻘﺎرﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘش، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘش، ﻳﯘﻣﯘرﯨﺴﺘﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘش، ﭼﺎﻗﭽﺎقلارﻧﯩﯔ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﮬﻪزﯨﻠﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈﻟﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘش ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
  
  «ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎن ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘزلار»:
  
  ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯘ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺪە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚزﮔﻪ ﻛﯚرۈﻧﯜۋاﺗﻘﺎن ﺋﯜﻣﯩﺪﻟﯩﻚ ﻳﺎشلارﻧﯩﯔ، ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﻗﻪﻟﻪم ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ، رەﺳﺴﺎم ۋە ﻓﻮﺗﻮﮔﺮافلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ - ﺋﯩﺰﻟﯩﺮى ﮬﻪم ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮى ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺪە ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺷﻪﺧﺴﻠﻪرﻧﻰ ﮬﻪم ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮەر ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮى ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرﺳﯩﻤﯘ، ﮔﯧﺰﯨﺖ - ژۇرﻧﺎللار ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﻠﯩﺮى ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮى ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرﺳﯩﻤﯘ، ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪرﺳﺎﮬﻪ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪر ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرﺳﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪۇ.
  
  «ﻛﯩﺘﺎﺑﺴﯩﺰ ﺗﯘرﻣﯘش − ﻗﯘﻳﺎﺷﺴﯩﺰ ﺗﯘرﻣﯘش»:
  
  ﺑﯘ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺪە ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎتلار ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﺎزارﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎبلارﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺑﺎشقىلارﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎبلارﻏﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﻳﺎزﻏﺎن ﺗﻪﺳﯩﺮاﺗﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﺮى ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎزارﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎب ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻟﯩﻐﺎن، دەپ ﻗﺎرﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺘﺎبلارﻧﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇش، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇش ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﻳﺎزﻏﺎن ﺋﻮﺑﺰورﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﻣﺪە ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
  
  «ﮬﯚﺳﻦ ﺧﻪت ۋە ﺧﯘش ﺧﻪت ﮔﯜﻟﺰارى»:
  
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﯘش ﺧﻪت ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ داۋاملاﺷﺘﯘرۇش ﮬﻪم ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪاش ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯘ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﮕﻪ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﺋﺎﻣﻤﯩﺒﺎب ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﮬﯚﺳﻦ ﺧﻪﺗﻠﻪر، ﺧﯘش ﺧﻪﺗﻠﻪر، ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﻗﻮل ﻳﺎزﻣﯩﻠﯩﺮى ۋە ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚرﻧﻪﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮل ﻳﺎزﻣﺎ ﻗﻪﻟﻪم ﺧﯧﺘﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ دوستلار ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﯧﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﻪﺟﯩﻤﺪە «داﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪردﯨﻦ ﺋﯜزۈﻧﺪە» ﻛﯚﭼﯜرۈپ ﺋﻪۋەﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
  
  «ﻣﯩﻠﻠﻪت ۋە ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت - ﺳﻪﻧﺌﻪت»:
  
  ﺑﯘ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﮕﻪ ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﻗﻪﻟﻪم ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮى ۋە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎتچىلارﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ۋە ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮى ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜرﮔﯜزﮔﻪن ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ، ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻮﺑﺰور، ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ؛ ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻴﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺋﯩﺠﺎدﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮى، ﻛﻪﭼﯜرﻣﯩﺸﻠﯩﺮى، ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮى، ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻴﻪت ﺳﺎﮬﻪﺳﻰ ﮬﻪم ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺳﺎﮬﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺑﻪس - ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.