«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى پارچە تارقىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 977   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-29 10:43:08

  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە بولغان مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا ئىدارىسىنىڭ  گېزىت – ژۇرنال تارقىتىش ئىدارىسى بىلەن ژۇرنالنى پارچە سېتىش ھەمكارلىقى ئورناتقاندىن باشقا يەنە، شىنىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم شەخسىلەر باشقۇرۇشىدىكى كىتابخانىلار بىلەنمۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. ئوقۇرمەنلىرىمىزگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن شەخسىلەر باشقۇرۇشىدىكى كىتابخانىلارنىڭ ئادرېسى، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توردا ئېلان قىلدۇق. باشقا ناھىيە، شەھەرلەردە كىتاب - ژۇرنال تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شەخسىي كىتابخانا  خۇجايىنلىرىنىڭ(مەسئۇللىرىنىڭ) بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنى پارچە سېتىش بويىچە ھەمكارلىقنى ئورنىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
  ژۇرنىلىمىز تارقىتىش بۆلۈم تېلېفونى:  8530016  ـ 0991