ژۇرنىلىمىزنىڭ مۇلازىمەتلىرى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 5224   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-29 10:32:58

                                                                                                                                       
  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋە ئاپتورلارغا تېخىمۇ قولاي، بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىپ، ژۇرنال چىقىرىش بىلەن مۇلازىمەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، تۆۋەنىدىكى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى يولغا قويدى ياكى پات يېقىندا يولغا قويىدۇ:
  1. «جوڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2013 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ «ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىزگە ۋاكالىتەن مۇشتەرى بولۇپ بېرىش پائالىيىتى»نى يولغا قويدى. مۇشتەرى بولۇش ئۇسۇلىڭىز ۋە تەقدىم قىلىش ئۇسۇلىمىز مۇنداق بولىدۇ: سىز مۇشتەرى ھەققىنى پوچتا پۇل پېرىۋوت تالۇنى ياكى بانكا ھېساباتى ئارقىلىق، مۇشتەرى بولۇش تالۇنىنى تولدۇرۇپ پوچتا ياكى ئېلخەت ئادرېىسى ئارقىلىق تەھرىر بۆلۈمىمىزگە ئەۋەتىسىز؛ سىز ئەۋەتكەن مۇشتەرى ھەققى ۋە مۇشتەرى بولۇش تالونىدىكى ژۇرنال سانى بىلەن ئادەم ئىسمىغا ئاساسەن، سىز ۋاكالىتەن مۇشتەرى بولۇپ بەرگەن كىشىلىرىڭىزنىڭ ئادرېسىغا تەھرىر بۆلۈمىمىز سىزنىڭ نامىڭىزدىن ژۇرنال ئەۋەتىپ بىرىدۇ  (پوچتا ھەققىنى ئۆزىمىز تۆلەيمىز). ھەر سان ژۇرنال سىزنىڭ (ياكى شىركىتىڭىزنىڭ) نامىڭىزدىن سوۋغات ئىكەنلىكىنى مەخسۇس تەييارلانغان كىچىك كارتىغا ئايرىم ئەسكەرتىلىپ، پوچتىدىن يوللىنىدۇ.
  2. «جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنى بىز بىلەن بىللە باشقۇرۇشقا قاتنىشىڭ» نامىدىكى تەكلىپ قوبۇللاش پائالىيىتى. بۇ پائالىيەت 2013 – يىلى 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ. ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺳﯚﻳﯜپ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ۋە ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎللاﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ، ﻣﻪزﻣﯘﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻮل ﮬﻪم ﺟﻪﻟﭙﻜﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن دۆﻟﻪت دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ، ﻧﻮﭘﯘزﻟﯘق ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎل ژۇرﻧﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎيلاﻧﺪۇرۇش ﮬﻪﻣﺪە ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﯩﻤﯩﺰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎن «ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪن ژۇرﻧﺎل ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ» ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ژۇرﻧﺎﻟﻨﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرﺗﺎق ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ» ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯩﺰ.
  ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ: ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ داۋاﻣلاﺷﺘﯘرۇش زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﻪر، ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪش زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﻪزﻣﯘنلار، ئىسلاھ ﻗﯩﻠﯩﺶ زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻪرەﭘﻠﻪر ۋە ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪرەﭘﻠﻪر ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت ۋاﻗﺘﯩﻐﺎ ﭼﻪك ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪۇ.
  ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪن ۋە ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯧﻠﺨﻪت، ﺧﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ - ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﻪرﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ، ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ رەﺗﻠﻪپ ﺑﺎﮬﺎلاپ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻧﻪق ﭘﯘل ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ لاﻳﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﻪرﮔﯜﭼﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﻪر ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻰ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﻪرﮔﯜﭼﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﺎم - ﺷﻪرﯨﭙﻰ، ﺳﯜرﯨﺘﻰ ۋە ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ژۇرﻧﺎل ﻳﯜزﯨﺪە ﮬﻪم ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ «ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت» ﺗﻮرﯨﺪا ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
  «ﮬﻪر ۋاﻗﯩﺖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ» ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﯩﻤﯩﺰ:
   8533288- 0991  ياكى  8530016 - 0991 
  «ﮬﻪر ۋاﻗﯩﺖ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ» ﺋﯧﻠﺨﻪت ﺋﺎدرﯦﺴﯩﻤﯩﺰ:
  millatlar1988@sohu.com   

    3. مەخسۇس ئېلخەت ئادرېسى تەسىس قىلىپ، تاپشۇرۇۋىلىنغان ئەسەرلەرگە نىسبەتەن قەرەرلىك ھالدا ژۇرنالغا تاللىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىش مۇلازىمىتى. بۇ پائالىيەت «سەلتەنەت تورى»نىڭ يېڭى نۇسخسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يولغا قويىلىدۇ. ئاپتورلار ژۇرنىلىمىزغا ئەۋەتكەن - ماقالە ئەسەرلىرىنىڭ ژۇرنىلىمىزدا  ئىشلىتىشكە تاللىنىش ئەھۋالىنى «سەلتەنەت تورى»غا كىرىپ كۆرەلەيدۇ.
  


    ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ
  «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﻰ