ئېلان بېرىڭ

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 4976   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-29 10:29:04

ژۇرنىلىمىزنىڭ ئېلان – تەشۋىقات يۆنىلىشى

  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدا نەشر قىلىنىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرنال بولۇش سۈپىتى ۋە يۇقىرى نوپۇزى بىلەن ئېلان – تەشۋىقات خىزمىتىگە قاتتىق ئۆلچەم ۋە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، ئېلان – تەشۋىقات خىزمىتىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېلىپ بارىدۇ.
  ئېلان – تەشۋىقات پىرىنسىپىمىز: ژۇرنىلىمىزدا ساختا، يالغان مەھسۇلات ئېلانلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى قاتتىق چەكلەيدۇ ھەمدە ئېلان بەرگەن كارخانا، مەھسۇلاتلارغا قارىتا سودا – سانائەت، سۈپەت نازارەت تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئېتىراپنامە، تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى ئاساس قىلىپ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر كۈچكە ئىگە كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە كارخانا ئوبراز تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارىدۇ.
  ئېلان – تەشۋىقات ئوبېيكتىمىز: ژۇرنىلىمىزدا ئېلان – تەشۋىقات ئىلىپ بارىدىغان كارخانا ۋە مەھسۇلاتلارنى تاللىغان ۋاقتىمىزدا ئالدى بىلەن شۇ كارخانا ياكى مەھسۇلاتنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئېلان باشقۇرۇشتىكى سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى، جەمئىيەتتىكى ئىناۋەت – ئابرۇيى، جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە قاراپ ژۇرنىلىمىزدا ئېلان – تەشۋىقات قىلىش بەلگىلىنىدۇ. ئۇنىڭىدىن باشقا مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە دۇنياغا تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بازار تېپىۋاتقان كارخانىلار ۋە مەھسۇلاتلار بىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئېلان – تەشۋىقات ھەمكارلىق ئوبېيكتىمىز دائىرىسىدە بولىدۇ.
  ئېلان – تەشۋىقات ۋەدىمىز: ژۇرنىلىمىز مەيلى ژۇرنال باشقۇرۇشتىن ئىبارەت كەسپىي خىزمەت جەھەتتە بولسۇن ياكى باشقا مەمۇرىي خىزمەتلەردە بولسۇن، چىن ئىنسانىي پەزىلەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سەمىمىيلىك بىلەن ژۇرنال چىقىرىشنى ئۆزىنىڭ بىرىنجى نىشانى قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئېلان – تەشۋىقات ئىشلىرىدىمۇ ئوخشاشلا سەمىمىيلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا ۋە ئەلا مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىپ، كارخانىلارنى ئەتراپلىق ۋە ياخشى تەشۋىقات ئۈنۈمى بولغۇدەك تەشۋىق قىلىدۇ.
  كارخانىلارغا سەمىمىي تەكلىپ: ژۇرنىلىمىز مەيلى قاپلىنىش دائىرىسى بولسۇن، مەيلى تارقىلىش سانى بويىچە بولسۇن، ياكى ئوقۇرمەنلەر قاتلىمى جەھەتتىن بولسۇن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. كارخانا ئوبرازى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى خالايدىغان كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ ژۇرنىلىمىز بىلەن كۆپ خىل ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
  ئېلان – تەشۋىقات ئالاقە تېلېفونىمىز:
  مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى ئېلان – تەشۋىقات مەخسۇس تېلېفونى:  8530016-0991