ژۇرنىلىمىز ئاپتورلارغا مۇنداق دەيدۇ

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1266   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-08 17:42:24

    ﺋﻪڭ ﺋﺎۋۋال ـ

    ﻛﯚپ يىللاردﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪر ﺧﯩﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﻟلاپ، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪۇرۇش ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﻣﺪەم ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﻟﻪم ﺋﻪﺟﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜر ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﻤﯩﺰ!

    ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ـ

   ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﮕﻪ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ۋە ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺧﻪت ﮬﻪم ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎن ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗلاردا ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻪزى ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩلاپ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﻳﺎﻛﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﺪۇرﻏﺎن؛ ﺑﻪزى ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﺷﯜپ ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﻳﻪﻧﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎۋۋال ﺧﯧﺮﯨﺪارﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻪزى ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ئېلان ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎتلاردا ئېلان ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزى ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎرﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎزراق ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈۋﯦﺘﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎتلاردا ئېلان ﻗﯩﻠﺪۇرﻏﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪزى ﻣﻪزﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎزراق ﺋﯚزﮔﻪرتىپلا ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﺪۇرﻏﺎن؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزى ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ...

   ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺳﺘﯜرۈش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﮬﻪر ﺳﺎﮬﻪ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮى دەرﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺗﻪﻟﻪپ - ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﻗﺎﻧﺪۇرۇش؛ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﮬﻪم ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﻪرﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺳﻪرﺧﯩﻞ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ زوراﻳﺘﯩﺶ؛ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜن ﭘﻪﻗﻪت «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻐﺎ ﺧﺎس ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻧﺎدﯨﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ئېلان ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە، ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪەك ﺑﯩﻨﻮرﻣﺎل ﺋﻪﮬﯟاﻟلارﻧﻰ ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻪخلاﻗﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻨﯩﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻏﺎ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﺎﮔﺎھلاﻧﺪۇرۇش ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺎرﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻘﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎتلاردا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ- ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻪۋەﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻧﺎۋادا ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاﻟلار ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺋﻪﺧلاﻗﻘﺎ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭗ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪﮬﯟاللارﻧﻰ ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ئېلان ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ژۇرﻧﺎل ﻳﯜزﯨﺪە ئېلانﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

    ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ـ

   ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﮬﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻧﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻪت ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﻟﭽﻪم ۋە ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺗﻮﻟﯘق ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯘق. ﺷﯘﯕﺎ، ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎﻛﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘرﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺗﺒﯘئاتلارﻏﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

«ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ