ئاپتورلار مۇنۇلاردىن خەۋەردار بولۇپ قالسۇن

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1306   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-08 17:24:14

       ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ﺋﺎلاﻗﯩﺪار ﺗﯜزۈﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺧﻪۋەردار ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ:

   ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﯩﯔ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ۋاﻗﯩﺖ ﻗﻪرەﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻮﻟلار ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈﺷﯩﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮق. ﮬﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﯩﺮى ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧلا ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ.

    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، 2013 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ (ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ 2013 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1 - ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ) ﺑﺎﺷلاپ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ «ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت» ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩلاﻧﻐﺎن ﺋﻪڭ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﺎﭘﺘﻮرلار «ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت» ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﺪە ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﻟلاﻧﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﻟلاﻧﻐﺎن ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﻟلاﻧﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟاﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

    ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰ 2013 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ، ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﯩﯔ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯧﻠﺨﻪت ﺋﺎدرﯦﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻮﭼﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﻟلاﻧﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎۋزۇﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺷﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﻪرﻧﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇۋﯦﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪە «ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت» ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﺪە ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

   ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺧﺎدﯨﻤلار ﮬﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻏﺎ ﺷﯘ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻧﯩﯔ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ۋەدە ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪۇ.

   ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮى ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﺪە، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺋﯧﻠﺨﻪت ﺋﺎدرﯦﺴﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 5 - ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﯧﻠﺨﻪت ﺋﺎدرﯦﺴﻰ ـــــ millatlar1988@sohu.com ﻏﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺷﻪﺧﺴﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﻤﯩﺰ.

ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ