ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﻪم ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻛﺎرﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﯘﻗﺘﯘرۇﺷﻰ

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1069   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-08 17:10:56

    ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﻪم ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇۋﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﻮلاﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ﮬﻪﻣﺪە ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺗﺎﭘﺸﯘرۇۋﯦﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﻪﻧﺪۈرۈش ﺋﯜﭼﯜن، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاپ ﻗﻪﻟﻪم ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻛﺎرﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﭽﻰ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ﺋﻪۋەﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘرلار ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺋﯘﻗﺘﯘرﯨﻤﯩﺰ:

1. ﺑﺎنكىلارﻧﯩﯔ ﮬﻪرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎيلاردﯨﻜﻰ ﺗﺎرﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟاﻟﯩﻨﻰ ﻧﻪزەردە ﺗﯘﺗﯘپ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺳﻮدا - ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﯧﺰا ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﻪم ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﻖ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﺘﯘق. ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎللاپ، ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎن ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺠﯩﺮﮔﻪن ﺑﺎﻧﻜﺎ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎت ﻛﺎرﺗﺎ ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪپ ﺑﻪرﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎنكىلارﻧﯩﯔ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎت ﻛﺎرﺗﯩﺴﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪۇ.

2. ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﻪم ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇۋﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﻪن ﺑﺎﻧﻜﺎ(ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺳﻮدا - ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﯧﺰا ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ) ﻛﺎرﺗﺎ ﻧﻮﻣﯘرى ۋە ﻛﺎرﺗﺎ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺸﺘﻪ ﻗﻮﻟلاﻧﻐﺎن ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﺋﯩﺴﻢ - ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯘﭼﯘرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮا ﮬﻪم ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ﺋﻪۋەﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرلاردﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪت ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘل ﺋﯧﻠﯩﺶ - ﻗﻮﻳﯘش ﻣﯘلازﯨﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﻪن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﺗﻪرەپ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪارﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن «ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪارلار ﻗﻪﻏﯩﺰى»ﻧﻰ ﺋﻪۋەﺗﺴﯩلا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ، ﺑﺎﻧﻜﺎ ﻛﺎرﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﻠﻤﻪ ﻧﯘﺳﺨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﺶ ﮬﺎﺟﻪت ﺋﻪﻣﻪس.

3. ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻧﻜﯩﻨﯩﯔ «ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪارلار ﻗﻪﻏﯩﺰى»ﻧﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺋﯘزاق ﻣﯘددەت ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻤﻪي ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎﻧﻔﻮن ﻧﻮﻣﯘرى، ﺋﯚزى ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﺎدرﯦﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯜﭼﯘرلارﻧﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت، ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﻪﻟﻪم ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﺎرﻗﺎﺗﻘﺎﻧﺪا، ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﯩﻐﺎ ﻗﻪﻟﻪم ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ ۋە ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ ﺳﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﻪم ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪۈرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘر ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ، ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﺎﻧﻔﻮن ﺋﯘﭼﯘرى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪۋەر ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. ﺋﻪﮔﻪر ﻳﺎﻧﻔﻮن ﻧﻮﻣﯘرﯨﺪا ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، دەرﮬﺎل ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎلاﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﻠﮕﻪن ﻳﯧﯖﻰ ﻳﺎﻧﻔﻮن ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ دەپ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺳﻮراﻳﻤﯩﺰ.

4. ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﺋﯩﺴﯩﻢ - ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، ﺑﺎﻧﻜﺎ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎت ﻧﻮﻣﯘرى، ﻳﺎﻧﻔﻮن ﻧﻮﻣﯘرى ۋە ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق ﺟﺎﻳﯩﻨﯩﯔ ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﺎدرﯦﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘرلارﻧﻰ «ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺋﺎﻣﺒﯩﺮى» ﻗﯘرۇپ ﺳﺎﻗلاﻳﺪۇ. ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ - ﺋﻪﺳﻪر ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘرلارﻧﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﭘﻪﻗﻪت ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪۋەﺗﺴﯩلا ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ. ﻧﺎۋادا ﺑﺎﻧﻜﺎ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎت ﻧﻮﻣﯘرى، ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻧﻮﻣﯘرى ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘرلاردا ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﭘﻮﭼﺘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﻠﺨﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎلاﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﭘﺘﻮرلار «ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗلار ﺋﺎﻣﺒﯩﺮى»دﯨﻜﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘرﯨﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك. ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺧﻪۋەر ﺑﻪرﻣﻪي، ﻗﻪﻟﻪم ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇۋﯦﻠﯩﺶ ﮬﻪم ﺋﯘﭼﯘر ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﻪزى ﻗﻮلاﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻘلار ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺋﯚزى ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

5. ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﺑﺎﻧﻜﺎ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎت ﺋﯘﭼﯘرﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻳﺎﻧﻔﻮن ﻧﻮﻣﯘرﯨﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪت ﻗﻪﻟﻪم ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ ۋە ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎلاﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ زۆرۈرﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘلاردا ﺋﺎلاﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻧلا ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ. ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪﺧﺲ ۋە ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪپ ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪۇ. ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘر ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘق ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

6. ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪا ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯘﭼﯘرلارﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘم ﭘﻮﭼﺘﺎ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪۋەﺗﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺋﺎﭘﺘﻮرلارﻧﯩﯔ ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘل ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﭘﯘل ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪا ﺑﺎﻧﻜﺎ ﺗﻪرەپ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪارﻏﺎ ﺑﻪرﮔﻪن «ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪارلار ﻗﻪﻏﯩﺰى»ﻧﻰ ﺳﻜﺎﻧﻨﯧﺮلاپ (描扫) ﺋﻪۋەﺗﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯧﻠﺨﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪۋەﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻳﺎﻧﻔﻮن ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯘرى ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎن ﺋﯘﭼﯘر ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪۇ.

ژۇرﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎلاﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻰ:  8530016  ــ 0991 

ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ