خەمىت نېغمەت

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1098   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-08 16:50:12

مەرھۇم خەمىت نېغمەتنىڭ قىسقىچە ھاياتى

    ﻣﻪرﮬﯘم ﺧﻪﻣﯩﺖ ﻧﯧﻐﻤﻪت 1966- ﻳﯩﻞ 1-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯜﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە زﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن؛ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘﭼﺘﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﯩﭽﻪ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن؛ 1987-ﻳﯩﻞ 7- ﺋﺎﻳﺪا ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪت ﭘﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪلا ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎﻣلاپ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﻘﺎن. دۆﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن، «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ، ﻗﺎزاﻗﭽﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎرار ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﻪﻣﯩﺖ ﻧﯧﻐﻤﻪت ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎن، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺸﻘﻪدەم ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮﻟﻪر ۋە ﺧﻪﻣﯩﺖ ﻧﯧﻐﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن، 1988-ﻳﯩﻞ 10-ﺋﺎﻳﺪا ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪا ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن.

    دۆﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎرارى ۋە ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇﺷﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، 1991-ﻳﯩﻠﻰ «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺷﯚﺑﯩﺴﻰ» ﻗﯘرۇﻟﯘپ ﺋﯘﻳﻐﯘر، ﻗﺎزاق ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﻠﯩﺮى ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن 20 ﻳﯩﻠﺪا، ﺧﻪﻣﯩﺖ ﻧﯧﻐﻤﻪت «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» (2000-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى «ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ») ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى-ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻣﯘدﯨﺮى(ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ)، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜم ﻣﯘدﯨﺮى (ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ)، ﺷﯚﺑﻪ ﺋﯩﺪارە ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ﻳﺎﭼﯧﻴﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﺌﻪت ﺋﻪزاﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ۋەزﯨﭙﯩﻠﻪردە ﺑﻮﻟﻐﺎن.

     ﺧﻪﻣﯩﺖ ﻧﯧﻐﻤﻪت ﻛﻪﻣﺘﻪر، ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎن، ﺋﺎددﯨﻲ-ﺳﺎددا، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ، دوﺳﺘﺎﻧﻪ، ﺋﻪﺧلاﻗﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺶ روﮬﯩﻐﺎ ﺑﺎي، ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ژۇرﻧﺎﻟﯩﺴﺖ ﮬﻪم ﺗﻪرﺟﯩﻤﺎن ﺋﯩﺪى. ﺋﯘ، 25 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪا، ﭘﺎرﺗﯩﻴﻪ ۋە دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﺒﺎرات-ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﺎﻏلاپ، ﺗﻮﻏﺮا دۇﻧﻴﺎﻗﺎراش ﺗﯩﻜﻠﻪپ، «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎن. ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ، ژۇرﻧﺎل ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﯩﺮى ۋە ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪرﺧﯩﻞ، ﻣﻮل ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ، ﻧﺎدﯨﺮ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺋﺎﭘﺘﻮرلار ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺷﻜﻪ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺳﯩﯖﺪۈرﮔﻪن. ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ-ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﮬﻪم ﺧﻪﻧﺰۇ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯜز ﻛﯚرۈﺷﺘﯜرﮔﻪن؛ 1997-، 2000- ۋە 2003-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺗﯜزﮔﻪن «ﺟﻪزﺑﺪار ﮔﯜﻟﺪەﺳﺘﯩﻠﻪر» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯜچ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪر ﺗﺎﻟلاش، ﺗﯜزۈش، ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪش ۋە ﻛﻮررﯦﻜﺘﻮرﻟﯘق ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن. 

      دۆﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻧﺪﯨﺪات ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى، ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘدﯨﺮى ﺧﻪﻣﯩﺖ ﻧﯧﻐﻤﻪت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪن داۋالاش ﺋﯜﻧﯜم ﺑﻪرﻣﻪي، 2011- ﻳﯩﻞ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ (ﺟﯜﻣﻪ) ﻛﻪﭼﺘﻪ 45 ﻳﯧﺸﯩﺪا ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ۋاﭘﺎت ﺑﻮﻟﺪى.

    ﺧﻪﻣﯩﺖ ﻧﯧﻐﻤﻪﺗﻨﯩﯔ ۋاﭘﺎﺗﻰ »ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى« ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺋﯜﭼﯜن، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺋﯘﻳﻐﯘر ژۇرﻧﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن زور ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺑﻮﻟﺪى. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮى ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘر، ﻗﺎزاق، ﺧﻪﻧﺰۇ، ﻣﻮﯕﻐﯘل، ﭼﺎۋﺷﻴﻪن ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪاﺷلار ﻣﻪرﮬﯘﻣﻨﯩﯔ ۋاﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻗﺎﻳﻐﯘرﯨﻤﯩﺰ؛ ﻣﻪرﮬﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮى ۋە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎۋاﺑﯩﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﮬﺎل ﺳﻮراﻳﻤﯩﺰ؛ ﻧﺎرﯦﺴﯩﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺳﻪﺑﯩﻲ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏلام ﺋﯚﺳﯜپ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ؛ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎد ﺋﯧﺘﯩﺪۇ.

        ـ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮاﺗﻰ