ماھىرە ئەۋەلخان قىزى

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1072   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-08 15:59:16

 

ماھىرە ئەۋەلخان قىزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

 

  ﻣﺎﮬﯩﺮە ﺋﻪۋەﻟﺨﺎن ﻗﯩﺰى، 1977- ﻳﯩﻠﻰ 5- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 25- ﻛﯘﻧﻰ ئىلى ئوبلاستىنىڭ  ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻜﯜرە ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﺳﯩﺪە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن.
   1984- ﻳﯩﻠﻰ 9-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 1989- ﻳﯩﻠﻰ 7- ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻜﯜرە ﻧﺎﮬﻴﻪﻟﯩﻚ 1- ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘش ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ، 1989 -ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ  1995 - ﻳﯩﻠﻰ 7-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ مۇڭغۇلكۆرە ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، تولۇق ﺋﻮﺗﺘﯘرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎن.
   1996- ﻳﯩﻠﻰ 4- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 1998-ﻳﯩﻠﻰ 5 - ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻜﯜرە ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻟﯩﻚ خەلق ئىشلار  ئىدارىسىدە، 1998 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2002 - يىلىنىڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻣﯧﻴﭙلار ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن. 2003-ﻳﯩﻞ 2-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2004-ﻳﯩﻠﻰ 2-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ياشلار ﺳﯧﺮﯨﻚ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن. 2004-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 10-ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮ كۇرۇسلىرىدا ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن. 2005-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮى» ژۇرﻧﯩﻠﻰ ﻗﺎزاق ﺗﻪﮬﺮﯨﺮ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪە ﮔﯜزەل ﺳﻪﻧﺌﻪت ﻣﯘﮬﻪررﯨﺮى ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯩﺸﻠﻪش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎزاق ﺗﯩﻞ - ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت كەسپىدە 2006-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﯘرۇس، 2009-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرۇﺳﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎن. ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﻗﺎزاﻗﭽﻪ ژۇرﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪرﺧﯩﻞ ﺳﻪﮬﯩﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺗﺎﻟلاﻧﻤﺎ ژۇرﻧﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻐﺎن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩلاردﯨﻦ: «ﻗﻮرال - ﻳﺎراق ﺗﺎرﯨﺨﻰ»، «ﻗﺎزاﻗلارﻧﯩﯔ ﺗﺎﺋﺎم دەﺳﺘﯘرى»، «ﻗﺎزاق ﻛﯩﮕﯩﺰ ﺋﯚﻳﻰ»، «ﺑﯜرﻛﯜﺗﭽﻰ»، «ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ۋە ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪر»، «ﺗﯘرﻛﯩﻴﻪ ۋە ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪر»، «ﺋﺎﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﻣﯩﺮاﺳﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ 28 دﯨﻦ ئارتۇق ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺑﺎر.
   2010-ﻳﯩﻠﻰ «ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ» (ﻗﺎزاﻗﭽﻪ «زاڭ اﻳﺎﺳﻰ») ژۇرﻧﯩﻠﯩﺪا «ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ»، « ﺋﺎﻳﺎل دﻳﻜﺘﻮرﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﺸﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ 8 ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ۋە ﺋﺎﻟﺘﺎي «ﺋﯩﻠﯩﻢ ۋە ﭘﻪن» ژۇرﻧﯩﻠﯩﺪا «ﻧﺎﻣﻪﻟﯘم ﺋﯘﭼﺎر ﺟﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮى» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ، 2011-ﻳﯩﻠﻰ «ژۇرﻧﺎل ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮرﻟﯩﺸﯩﺸﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ كەسپى ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ، 2012-ﻳﯩﻠﻰ «ﺗﯩﻞ ۋە ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﺪا «ﻗﺎزاق ﻣﺎﻗﺎل- ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﯟى روﻟﻰ» ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن.