غەيرەت مۇرات

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1004   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-08 15:56:44

غەيرەت مۇراتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

 

      غەيرەت مۇرات، قازاق، 1978-يىلى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 17-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1993-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 36-ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1999-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. شۇ يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قازاقچە-خەنزۇچە تولۇق كۇرسىنى ئۆزلىكىدىن ئوقۇپ تاماملىغان، قوش ئوقۇش بويىچە دىپلۇم ۋە ئۈنۋان ئالغان. 2004-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە شىنجاڭ ئېلىكتىر شىركىتى كۈيتۈن ئېلىكتىر ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان. 2010-يىلىدىن ھازىرغىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى قازاق تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىرلىك، مۇخبىرلىق ۋە تەرجىمانلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىدۇ.