رەخىم تۇرغۇن

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1073   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-08 15:51:25



رەخىم تۇرغۇننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 

 

      
    رەخىم تۇرغۇن  1964 - يىلى 2- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان،  1971- يىلى 9 – ئايدىن  1982- يىلى7- ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16- مەكتەپ ۋە 3-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇغان. 1982- يىل 9-ئايدىن 1984- يىل 7- ئايغىچە شىنجاڭ قاتناش تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇپ، 9- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق 1- تىرانسپورت شىركىتىگە خىزمەتكە چىققان. 1996- يىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقى(جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان شوپۇرلۇق ۋە ئارقا سەپ  خىزمىتىنى ئىشلەپ كەلمەكتە.  2003- يىلى ئۆز كەسپى بويىچە ئالىي تېخنىك ئۇنۋانى ئالغان.
    رەخىم تۇرغۇن كەسىكە پىششىق، خىزمەتتە ئەستايىدىل، تۇرمۇشتا كىشىلەر بىلەن چىقىشقاق. 
    رەخىم تۇرغۇن ھازىر مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىدە شوپۇرلۇق ۋە ئارقا سەپ خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.