تېلەۋجان ئوقاپ

   يوللىغۇچى: باشقۇرغۇچى    كۆرۈلۈشى: 1232   يوللانغان ۋاقتى: 2013-07-08 15:47:37

تېلەۋجان ئوقاپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 

      تېلەۋجان ئوقاپ، قازاق، كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، 1964-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1988-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قازاق تىل فاكۇلتېتىنىڭ تولۇق كۇرۇس كەسپىنى تاماملىغان. 1988-يىلى 10-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى» قازاق تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان، 1995-يىلى مۇھەررىر ئۈنۋانى ئالغان. 1998-يىلى ئۇنىڭ «قۇلستايدىكى يېڭى ئۆزگىرىش» ناملىق ماقالىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتى» باھالىشىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2002-يىلى ئۇ تەھرىرلىگەن «ئۆزىنى تەنتەربىيىگە بېغىشلاش» ۋە «باي تىل ھەققىدە» ناملىق ماقالىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك «ئاخبارات مۇكاپاتى» باھالاشتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەھرىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يەنە نۇرغۇن ماقالە-ئەسەرلىرى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. 2003-يىلى خىزمەت مۇناسىۋېتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقى(جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ قازاق تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ، قازاقچە ژۇرنالنىڭ تەھرىرلىك، مۇخبىرلىق ۋە تەرجىمانلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ كەلدى.  ھازىر مىللەتلەر ئىتتىپاقى (جۇڭگو مىللەتلىرى) ژۇرناللىرى نەشرىياتى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى قازاق تەھرىر بۆلۈمنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى، مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.
     ئۇ تەھرىرلىگەن ۋە تەرجىمە قىلىغان كىتابلار:

1. قازاقىستاننىڭ داڭلىق شائىرى، ئاكادېمىك ئولجاس سۇلايمانوفنىڭ «قۇياشنى قۇچاقلاش» ناملىق شېئىرلار توپلىمى (2007-يىلى، خەلق نەشرىياتى)
2. «شىنجاڭ ئىنىسكلوپىدىيەسى» (2005-يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)
3. «ئانا—ئالتۇن بۆشۈك» (2005-يىلى، ئىلى خەلق نەشرىياتى)
4. «ئالتۇن ئىشىك – چۆچەك» (2006-يىلى، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى)
5. «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» (2012-يىلى، ئىلى خەلق نەشرىياتى)